Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 12:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 پەرۋەردىگار سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدى. داۋۇت ھىبروندىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن قوراللىق لەشكەرلەر كېلىپ، ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 12:23
13 Referans Kwoze  

تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.


يىشاينى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلغىن. شۇ چاغدا سېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ بېشىغا ياغ قۇيىدىغانلىقىنى مەن ساڭا دەپ بېرىمەن، _ دېدى.


دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»


ئەمدى ۋاقتى كەلدى! پەرۋەردىگار خىزمەتكارى داۋۇتقا: «مەن خەلقىم ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەر ۋە بارلىق دۈشمەنلىرىدىن سەن ئارقىلىق قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى، _ دېدى.


يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 800‏6 جەڭچى.


ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite