22 داۋۇتقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى.
سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلدى. داۋۇتنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى.
ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.
ئۇ ئادەم جاۋابەن: _ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ: _ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى.
ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماخانايىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى.
مەدھىيەلەڭلار پەرىشتىلەر خۇدانى، ئەي ساماۋى قوشۇنلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى.
يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
شۇڭا سىز ۋە سىزگە ئەگىشىپ كەلگەنلەر ئەتە سەھەر تۇرۇڭلار، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ يەردىن كېتىڭلار، _ دېدى ئاكىش.
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى.