بىرىنچى قىسىم 12:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى بولغان ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي: _ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغۇچىلارغا تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! ھەقىقەتەن خۇدا ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. Gade chapit la |
داۋۇت غاردىن سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. داۋۇت: _ ئەگەر سىلەر ياخشى نىيىتىڭلار بىلەن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنى جازالىسۇن، _ دېدى.
يېھۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. يولدا ئۆزىنى قارشى ئېلىشقا چىققان رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا سالام بەردى ۋە ئۇنىڭدىن: _ مەن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، _ دېدى يېھوناداب. _ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەكەل قولۇڭنى، _ دېدى يېھۇ. يېھوناداب قولىنى ئۇزاتتى، يېھۇ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى.