Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 12:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بىنيامىن ۋە يەھۇدا قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر غاردىكى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 12:16
8 Referans Kwoze  

سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە: _ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىن كەلگەن ئادەملىرىم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟


ئەتىياز كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىكى سۇلار كۆپىيىپ قىرغاقلىرىدىن تاشقاندا، دەل مۇشۇ سەركەردىلەر دەريادىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كىشىلەرنى قوغلىۋەتكەن ئىدى.


داۋۇت غاردىن سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. داۋۇت: _ ئەگەر سىلەر ياخشى نىيىتىڭلار بىلەن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنى جازالىسۇن، _ دېدى.


ھوسۇل مەزگىلىدە ئىئوردان دەرياسى قىنىغا پاتماي، قىرغاقلاردىن تېشىپ ئاقاتتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريا بويىغا كېلىپ، دەرياغا كېچىشى ھامان،


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئاتا-ئانىسىنى موئاب پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ تاغدىكى غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، ئاتا-ئانىسى ئۇ يەردە تۇردى.


گاد قەبىلىسىدىكى ئۇرۇشقا ماھىر باتۇر جەڭچىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇ تۇرۇۋاتقان قاقاسلىقتىكى غارغا باردى. ئۇلار قالقان ۋە نەيزە ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى. ئۇلار شىر قىياپەتلىك بولۇپ، تاغدىكى جەرەندەك تېز يۈگۈرەتتى.


ئەنە ئۇ يەردە كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭماقتا. باردۇر ئۇلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزگەن يەھۇدا ئەمىرلىرى، شۇنداقلا زەبۇلۇننىڭ ھەم نافتالىنىڭ ئەمىرلىرى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite