Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 11:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 11:9
13 Referans Kwoze  

سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلدى. داۋۇتنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى.


قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.


ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟


ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.


چۈنكى موردىكاي ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق ئادەمگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى. ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ باراتتى.


ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بۇرۇن ئۇلارغا باشلىق بولغانىدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.


داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ


ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.


ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!


داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە كېڭەيتىپ قۇردى. شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite