8 داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە كېڭەيتىپ قۇردى. شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.
ئۇ ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا: _ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلالايدىكەن، ئۇلار بۇ سېپىلنى قايتىدىن ياسىماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلساقلا، بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرەلەيمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل ۋە داشقالغا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەمدىكەن؟ _ دېدى.
يوئاشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى سىللاغا بارىدىغان يولدا، يەنى تىندۇرۇلغان يەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە قەتل قىلدى.
ئۇ سۇلايمانغا قارشى چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەنىدى: سۇلايمان تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىغا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سېپىللىرىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.
تۆۋەندىكىلەر پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇش، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداش، سېپىل ھەمدە خازور، مىگىددو ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر:
ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولساڭلار، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي. خۇددى شۇنىڭدەك شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىدىنمۇ ئوت چىقىپ ئابىمەلەكنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي، _ دېدى.
شەكەمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە بەيت-مىللولۇقلار شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار تۈۋرۈك يېنىدىكى دۇپ دەرىخى ئاستىدا ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەلئە «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتالدى.
داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.