Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 11:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 _ خۇدايىم مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان باتۇرنىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئىش بۇ ئۈچ باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقى ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 11:19
16 Referans Kwoze  

ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى، ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتتۇر ئۇلارنىڭ جېنى.


_ ئى پەرۋەردىگار، بۇ سۇ ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سۇ ئالغىلى بارغان ئۈچ باتۇرنىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئىكەن، مەن بۇ سۇنى قانداقمۇ ئىچەي!؟ _ دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئىش بۇ ئۈچ باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقى ئىدى.


بىز نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم ئۆزىمىزنى خەتەرگە ئاتايمىز؟


ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر.


چۈنكى، تېنىم ھەقىقىي يېمەكلىك، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر.


- بۇ، مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.


چېدىرىمدىكىلەر ئەزەلدىن مېنىڭ باشقىلارنى ئاچ قالدۇرمىغىنىمغا گۇۋاھتۇر.


بىراق نابوت ئاخابقا: _ خۇدا ساقلىسۇن، ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراس يەرنى سىلىگە قەتئىي بەرمەيمەن، _ دېدى.


ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.


ئاتام سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىپ سىلەرنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.


لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى، نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى.


_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


لېكىن سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر.


ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:


يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite