17 داۋۇت: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ تەشنالىق بىلەن.
ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.
سىلەر خۇشاللىق بىلەن نىجاتلىق قۇدۇقىدىن سۇ ئېلىڭلار.
قوللىرىم ساڭا قاراپ سوزۇلغاندۇر، ۋۇجۇدۇم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.
پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.
ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:
كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر، كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟