Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 10:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئاندىن كاللىسىنى كېسىۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 10:9
9 Referans Kwoze  

بىر تەخسىگە قويۇلغان كاللا قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى.


سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا. ئىگىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەۋە بولغان قەدەھلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە ئۇلاردا شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.


سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچقا ئۇردى.


ئېلان قىلماڭلار بۇنى گات شەھىرىدە، جاكارلىماڭلار ئاشقىلون كوچىلىرىدا. خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى، شادىمان بولمىسۇن خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى!


ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ،


ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، كاللىسىنى داگون ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا مىخلاپ قويدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite