6 شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە پۈتۈن نەسلى بىراقلا ھالاك بولدى.
ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.
گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ قېرى ھەم سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بويىنى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۆلدى.
قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچقا ئۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان پۈتۈن ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، ئۇ شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.