43 ئىسرائىللارنىڭ تېخى ئۆز پادىشاھى بولماستا، ئىدوملۇقلارنىڭ پادىشاھى بار ئىدى. بىئورنىڭ ئوغلى بەلا ئىدومغا پادىشاھ بولۇپ، ئۇ دىنھابا دېگەن شەھەردە تۇراتتى.
يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.
ئېزېرنىڭ ئەۋلادلىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە يائاقان. دىشاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز ۋە ئاران.
موسېرادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنە-يائاقاندا قارارگاھ قۇردى.