Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 1:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 ئىبراھىمنىڭ توقىلى قىتۇرا ئۇنىڭغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاخ قاتارلىق ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، يوقشاننىڭ شىبا ۋە دىدان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 1:32
19 Referans Kwoze  

دىدانلىقلار ئېگەر-توقۇملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.


شۇڭا مەن ئىدومغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنى، ھايۋانلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. تېمان شەھىرىدىن دىدان شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان خەلقنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىمەن.


ئەي دىدان شەھىرىدە ماكانلاشقانلار، ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇڭلار. چۈنكى مەن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. مەن ئۇلارنى جازالايدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ بولدۇم.


دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر،


يوللىرىڭغا تۆگە كاراۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ، مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ، شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ، ئۇلار ئالتۇن ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى تارتۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەرنى ئوقۇيدۇ.


بۇ، ئەرەب چۆللۈكى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: ئەي دىدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىستان چۆللۈكىدە چېدىر تىكىپ ئولتۇرىسىلەر.


ياشىسۇن پادىشاھ! ئۇنىڭغا شىبانىڭ ئالتۇنلىرى سوۋغا بولغاي، دائىم دۇئالار قىلىنىپ، كۈنبويى بەخت تىلەنگەي.


ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى.


تەمادىن كەلگەن كارۋانلار ئېقىن ئىزدىشىدۇ، شىبالىق سودىگەرلەر سۇنىڭ ئېقىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ.


شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى.


_ ئىسرائىللار ئۈچۈن مىديانلاردىن قىساس ئالغىن، ئاندىن سەن ئالەمدىن ئۆتىسەن.


مۇسا بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ گۇناھ سەۋەبىدىن كۆز يېشى قىلىشىۋاتاتتى. ئىسرائىللاردىن بىرى بىر مىديان ئايالنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.


شۇڭا مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، ئىسمائىللارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.


يىتۇر، نافىش ۋە قېدىماھ. مانا بۇلار ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.


مىدياننىڭ ئېفاھ، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائا قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite