Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 1:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش،

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 1:14
20 Referans Kwoze  

سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


ئامورلار، كەنئانلار، گىرگاشلار ۋە يىبۇسلار دەپ تونۇلغان خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن قېنى بار ھارام گۆشلەرنى، چىشلىرىدىن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى تارتىپ چىقىرىمەن. فىلىستىيەلىكلەردىن ئامان قالغانلىرى مەن پەرۋەردىگارغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئەقرون خەلقى يىبۇسلاردەك خەلقىم قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.


ئەي خەلقىم، كۆز ئالدىڭلاردا ئامورلارنى ۋەيران قىلغان مەن ئەمەسمىدىم؟! ئۇلار خۇددى كېدىر دەرەخلىرىدەك ئېگىز، دۇپ دەرەخلىرىدەك مەزمۇت بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۇچىدىن يىلتىزىغىچە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمىگەنمىدىم؟!


ئۇ ساڭا ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار ۋە گىرگاشلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىمەن دەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدۈڭ. سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ.


«يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورلار قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلاردىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەمدە بۇتپەرەسلىكى ئارقىلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن،


نۆۋەت يېرۇسالېمغا كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىنى كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.


گىبئونلۇقلار ئامورلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سائۇل ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن قىزىققانلىق قىلىپ، گىبئونلۇقلارنى يوقاتماقچى بولغانىدى. پادىشاھ داۋۇت گىبئونلۇقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن:


كۈن ئولتۇراي دەپ قالغانىدى. چاكىرى ئۇنىڭغا: _ بىز بۈگۈن مۇشۇ يىبۇسلارنىڭ شەھىرىگە كىرىپ قونايلى، _ دېدى.


لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار داۋاملىق بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغىنىدەك، خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس ئەللىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار.


_ سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنلارغا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى باشلاپ كىرگەندە، خىت، گىرگاش، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس قاتارلىق سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان يەتتە خەلقنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.


مەن بۈگۈن سىلەرگە ئەمر-پەرمانلىرىمنى جاكارلايمەن، سىلەر ئۇلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەر ئۇ زېمىنغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا، مەن ئامورلار، كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن.


سىلەرگە يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن كەنئانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ،


مەن سىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلغاندا، قېرىنداشلىرىڭغا قارىغاندا ساڭا ئارتۇق زېمىن بېرىمەن، يەنى تاغنىڭ باغرىنى قوشۇپ بېرىمەن. ئۇ يەرنى مەن ئامورلارنىڭ قولىدىن قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن تارتىۋالغانىدىم، _ دېدى.


كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش،


كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite