ۋەھىيلەر 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىن 1 ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى. 2 مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدا نازىل قىلغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتىگە پەردازلىنىپ ھازىرلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 3 تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ، 4 ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.» 5 بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى. 6 ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن. 7 غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ. 8 لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.» يېڭى يېرۇسالېم 9 ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا: - كەل! قوزىغا ھەمراھ بولىدىغان قىزنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي، - دېدى. 10 ئاندىن، مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، پەرىشتە مېنى چوڭ ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردىن ماڭا ئەرشتىن خۇدا نازىل قىلغان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. 11 شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ، يېشىل قاشتاشتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. 12 شەھەرنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى ۋە ئون ئىككى دەرۋازىسى بار ئىدى. ھەربىر دەرۋازىنى بىردىن پەرىشتە ساقلايتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. 13 كۈنچىقىشتا ئۈچ دەرۋازا، كۈنپېتىشتا ئۈچ دەرۋازا، كۈنگەيدە ئۈچ دەرۋازا ۋە تەسكەيدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. 14 شەھەرنى قورشاپ تۇرغان سېپىلنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئەلچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى. 15 ماڭا گەپ قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى ۋە شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئالتۇن ئۆلچىگۈچ بار ئىدى. 16 شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچىدى. ھەربىر تەرىپى ئىككى مىڭ ئىككى يۈز چاقىرىم كەلدى. ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى بىر-بىرىگە تەپمۇ-تەڭ ئىدى. 17 پەرىشتە سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئۇ ئىشلەتكەن ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىگۈچى بويىچە ئاتمىش بەش مېتىر كەلدى. 18 سېپىل يېشىل قاشتاشتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى. 19 شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇلى ھەر خىل ئېسىل تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل قاشتاش، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت، 20 بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل كۋارتس، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى رەڭسىز ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى سۆسۈن كۋارتس ئىدى. 21 ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، يەنى دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى. 22 شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. 23 شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ. 24 دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. 25 شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى مەڭگۈ تاقالماي كۈن بويى ئوچۇق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە زادى كېچە بولمايدۇ. 26 ھەرقايسى خەلقلەر شانۇشەۋكىتىنى ۋە ئىززىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. 27 ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti