زەبۇر 96 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى96-مۇناجات 1 يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئەي جاھان ئەھلى ياڭرىتىڭلار غەزەللەر ئۇنىڭغا ئاتاپ. 2 ناخشاڭلاردا تەرىپلەڭلار خۇدانىڭ نامىنى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى. 3 تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا. 4 ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ غەيرىي ئىلاھلاردىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە. 5 پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى، ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى. 6 ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە گۈزەللىككە تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى. 7 تەرىپلەڭلار ئەي ئەل-قوۋملار پەرۋەردىگارنى، كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى. 8 پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار، خۇدانىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار. 9 ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار، پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار، 10 ئېيتىڭلار ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر، ئۇ سورار خەلقلەرنى ئادالەتتە. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.» 11 شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار. 12 يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار، ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار. 13 چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا، كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti