زەبۇر 93 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى93-مۇناجات 1 ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، ھەيۋەت ئۇنىڭ يېپىنچىسى، ئورالغاندۇر ئۇلۇغۋارلىق، قۇدرەت ئۇنىڭ بەل پوتىسى. مەزمۇت قىلىنغان دۇنيا، تەۋرەنمەس ئۇ ئەسلا. 2 مۇستەھكەمدۇر تەختىڭ ئەزەلدىن، مەۋجۇتسەن ئۆزۈڭ ئەلمىساقتىن. 3 ئى پەرۋەردىگار، شارقىرىماقتا دېڭىز سۇلىرى، ياڭرىماقتا شاۋقۇنلىرى، گۈلدۈرلىمەكتە دولقۇنلىرى. 4 دېڭىزلارنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىدىن، دولقۇنلارنىڭ يۇلقۇنۇشلىرىدىن، قۇدرەتلىكتۇر ئەرشتىكى پەرۋەردىگار. 5 ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەستۇر پەرزلىرىڭ، ئۆيۈڭگە زىننەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇقەددەسلىكىڭ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti