زەبۇر 90 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4-بۆلەك 90-مۇناجات تەقۋادار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى 1 ئى رەببىم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە. 2 تاغلار بەرپا قىلىنماستىنلا، زېمىن ۋە ئالەم يارىتىلماستىنلا، ئۆزۈڭ خۇدا ئىدىڭ ئەزەلدىنلا، مەڭگۈگە خۇدادۇرسەن يەنىلا. 3 دېسەڭ ئەگەر «ئەي ئىنسانلار، تۇپراققا قايتىڭلار»، ئىنسان شۇئان تۇپراققا ئايلىنار. 4 بەرھەق، سەن ئۈچۈن مىڭ يىل گويا تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەكلا، ياكى كېچىدىكى بىرنەچچە سائەتتەكلا. 5 ئىنساننى ئېلىپ كېتىسەن كەلكۈندەك، ئۇنىڭ ئۆمرى تۈگەر گوياكى چۈشتەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك. 6 مايسىلار ئۈنۈپ چىقار سەھەردە، سولىشىپ كېتەر ئاخشامغىچە. 7 شۈبھىسىزكى، بىز ھالاك بولىمىز غەزىپىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمىز قەھرىڭدىن. 8 ئاشكارا قىلىسەن يامانلىقىمىزنى ئالدىڭدا، پىنھان گۇناھلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرىدا. 9 كۈنلىرىمىز غەزەپ-نەپرەتتە ئۆتەر، يىللىرىمىز ئۇھ تارتىپ ئازابتا كېتەر. 10 ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر. 11 غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟ قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟ 12 ئۆمۈر قىسقا، قەدىرلەشنى ئۆگەتكىن بىزگە، شۇ ئۆمۈرنىڭ ساۋاقلىرى ئورنىسۇن قەلبىمىزگە. 13 ئى ئىگەم ئۆتۈنەي مەن، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟ رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە! 14 ھەر سەھەردە قاندۇرساڭ گەر بىزنى چىن مۇھەببىتىڭگە، ھەر كۈن ئالقىش ياڭراتقايمىز سېنىڭ قۇتلۇق شەنىڭگە. 15 بىزگە قانچە ئۇزۇن ئازاب سالغان بولساڭ، بىزنى قانداق كۈلپەتلەرگە قويغان بولساڭ، ئەمدى شۇنچە كۈلكە، شادلىق بەرگىن بىزگە. 16 سادىق بەندىلىرىڭ كۆرسۇن نىجاتلىقىڭنى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى شان-شۆھرىتىڭنى. 17 ئى رەببىمىز، مېھرىڭ بىزگە يار بولسۇن، مەدەت قىلغىن، ئىشلىرىمىز ئوڭ بولسۇن، قوللىرىمىز بەرىكىتىڭگە لىق تولسۇن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti