زەبۇر 86 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى86-مۇناجات داۋۇتنىڭ دۇئاسى 1 بىچارە ۋە موھتاجدۇرمەن، ئى رەببىم خۇدا، نىدايىمغا قۇلاق سېلىپ جاۋاب بەرگىن ماڭا. 2 ساڭا سادىق بەندەڭنىڭ ساقلاپ قالغىن جېنىنى. قۇتقۇزۇۋالغىن، پەقەتلا ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى. چۈنكى سەنلا بىردىنبىر مېنىڭ خۇدايىمسەن. 3 ئى رەببىم، ئىلتىپات ئەيلىگىن ماڭا، قىلماقتىمەن كۈنبويى ئىلتىجا ساڭا. 4 مەن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كۆڭلىنى بىر شاد قىلغىنا، چۈنكى مەن سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن ساڭا. 5 ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان. 6 ئى پەرۋەردىگار، كۆڭۈل بۆلگىن مېنىڭ دۇئايىمغا، قۇلاق سالغىن شەپقەت سورىغان ئىلتىجايىمغا. 7 سېغىنىمەن رەببىم سېنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا، چۈنكى سەن جاۋاب بېرىپ كەلدىڭ ماڭا دائىما. 8 يېگانىسەن ئى رەببىم غەيرىي ئىلاھلار ئالدىدا، ئۇلۇغ ئىشنى قىلغۇچى پەقەت بىر ئۆزۈڭلا. 9 سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار. 10 ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىسەن، بەرھەق، يالغۇز سەنلا خۇدادۇرسەن. 11 پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي. قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى، چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي. 12 پۈتۈن قەلبىم بىلەن شۈكۈرلەر ئېيتىمەن ساڭا، ئۇلۇغلايمەن نامىڭنى مەڭگۈگە رەببىم خۇدا. 13 چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا. 14 ئى خۇدا، ماڭا قارشى تۇرىدۇ مەنمەنچىلەر، جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئىزدەر مېنى ۋەھشىيلەر. كۆزگە ئىلىپ قويماس سېنى قىلچە ئۇلار. 15 لېكىن رەببىم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتتە چەكسىزسەن. 16 ھالىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئەيلىگىن، مەندەك قۇلۇڭغا كۈچ-مادار ئاتا قىلغىن، پېقىر قۇلۇڭنى مۇشەققەتتىن قۇتقۇزغىن. 17 كۆرسەت ماڭا شەپقىتىڭنى، ياردەم بەرگىن ئى پەرۋەردىگار، تاپسۇن قەلبىم تەسەللى، بولسۇن شەرمەندە ماڭا ئۆچ بولغانلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti