زەبۇر 83 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى83-مۇناجات ئاساف يازغان مۇناجات 1 ئۈن چىقارماي جىمىپ قالما ئى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ يوقاپ كەتمە ئى خۇدا. 2 چۈنكى ساڭا ئۆچ بولغانلار باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. ساڭا دۈشمەن بولغانلار شۇنچە داۋراڭ سالماقتا. 3 ئۇلار قۇۋلۇق ئىشلىتىپ، سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە. قارشى پىلان تۈزۈشەر، سەن قەدىرلىگەنلەرگە. 4 دەيدۇ ئۇلار: «يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى، ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.» 5 ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا، ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە. 6 مانا، ئىدوملۇقلار، ئىسمائىلنىڭ نەسىللىرى، موئابلىقلار ۋە ھاگرىلار، 7 گىبال، ئاممون ۋە ئامالەك، فىلىستىيە ھەمدە تىر ئاھالىلىرى، 8 ئاسسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى، ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. سېلاھ 9 ئى خۇدا، سەن مىديانلىقلارغا قىشون دەرياسىدا سىسىرا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، شۇنداق تاقابىل تۇرغىن ئۇلارغا. 10 ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى. 11 ھالاك قىلغايسەن ئۇلارنىڭ بەگلىرىنى ئورېب ۋە زىئېبتەك، ئەمىرلىرىنى زەباخ ھەم زالمۇننادەك. 12 چۈنكى ئۇلار مۇنداق دېگەنىدى: «ئۆزىمىزنىڭ مۈلكى قىلىۋالايلى خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى.» 13 ئى ئىلاھىم، سەرسان قىلىۋەت ئۇلارنى بوراندا قالغان قامغاقتەك. سورۇۋەتكىن ئۇلارنى شامالدا قالغان ساماندەك. 14 كۆيدۈرۈۋەتكىن ئۇلارنى _ ئوتقا ئوخشاش ئورمانلىققا تۇتاشقان، يالقۇن كەبى تاغ باغرىغا ياماشقان. 15 قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن، ۋەھىمە سال ئۇلارغا قۇيۇنۇڭ بىلەن. 16 چۈشۈرگىن نومۇستا يۈزىنى، ئى پەرۋەردىگار، تاكى ياردەم سورىغىچە سېنىڭدىن ئۇلار. 17 قارا يۈز بولغاي ئۇلار نومۇستىن، رەسۋا بولۇپ يوقالغاي زېمىندىن. 18 ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti