Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

زەبۇر 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


18-مۇناجات
بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان.

1 كۈچ-مادارىم پەرۋەردىگار سۆيىمەن سېنى.

2 قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.

3 ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزىلارمەن شۇندىلا.

4 ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.

5 گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم، ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.

6 ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا، ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا. ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا، ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.

7 شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى، تاغلارنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى، چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.

8 چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۈيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.

9 كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.

10 ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.

11 يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، قويۇق، قارا بۇلۇتلار قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.

12 يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى، ياغدۇرۇپ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى، پارچىلىدى قاپقارا بۇلۇتلارنى.

13 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا، ياغدۇردى مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلار.

14 تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى، ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى، چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.

15 ئى پەرۋەردىگار، تەنبىھىڭدىن، قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن، كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى، ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.

16 پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.

17 قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.

18 ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا، پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.

19 ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا، ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.

20 ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى خۇدا، قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.

21 چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا، رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.

22 كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.

23 ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم، ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.

24 قولۇم پاك، ئۆزۈم ھەققانىي بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا.

25 ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى، ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.

26 پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.

27 قۇتقۇزىسەن چارىسىزلارنى، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.

28 پەرۋەردىگار، ھاياتلىق چىرىغىمنى ياققۇچىسەن، ئىلاھىم، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.

29 ساڭا تايىنىپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلالايمەن، ئى ئىگەم، ياردىمىڭدە سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن.

30 خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر، ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر. پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.

31 «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟! ئىگىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟

32 خۇدادۇر بېلىمنى قۇدرىتىدە باغلىغۇچى، يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچى.

33 كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.

34 قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا، بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا.

35 ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەپ، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى.

36 بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى، تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.

37 قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋالدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.

38 مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا، يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.

39 جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى، باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.

40 چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى، يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.

41 ئۇلار پەرياد كۆتەرسىمۇ چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.

42 ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى شامالدا ئۇچقان توزاندەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.

43 خەلق بىلەن قارشىلىششتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلغانىدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.

44 ئاۋازىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا، تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا.

45 جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.

46 ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن نىجاتكارىم بولغان خۇدا!

47 خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.

48 قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.

49 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا.

50 پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تا ئەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite