Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

زەبۇر 150 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


150-مۇناجات

1 ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، مەدھىيەلەڭلار خۇدانى مۇقەددەس جايىدا، قۇدرىتى ئايان بولغان ئەرشئەلادا.

2 مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى.

3 مەدھىيەلەڭلار ئۇنى بۇرغا ساداسىدا، مەدھىيەلەڭلار چېلىپ چىلتار، لىرا.

4 مەدھىيەلەڭلار ئۇنى داپ چېلىپ، چۈشۈپ ئۇسسۇلغا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەڭكەش قىلىپ نەي ۋە تارلىق سازغا.

5 مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ ياڭراق ساداسىدا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدا.

6 مەدھىيەلىگەي پەرۋەردىگارنى جىمىكى تىنىقى بارلار، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite