Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

زەبۇر 139 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


139-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ قەلبىمنى، بىلدىڭ مېنى.

2 بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى، چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى.

3 كۆرۈپ تۇرىسەن يۈرۈش-تۇرۇشۇمنى، ئېنىق ئۇقىسەن بارلىق ئىشلىرىمنى.

4 ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن سۆزلىرىمنى، ھەتتا ئېغىزىمدىن چىقارماستا ئۇلارنى.

5 باردۇرسەن ئەتراپىمدا، قويدۇڭ قولۇڭنى دولامغا.

6 قۇدرىتىڭ ئەقلىمنى لال قىلار شۇنچە، ئەقلىم يەتمەس بۇ سىرلارنى بىلىشكە.

7 نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن، نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينىڭدىن.

8 ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە، لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە.

9 پەرۋاز قىلىپ قانىتىدا سەھەرنىڭ، تۇتسام ماكان ئەڭ چېتىدە دېڭىزنىڭ.

10 ئۇ يەردىمۇ يېتەكلەر قولۇڭ، يۆلەر مېنى ئوڭ قولۇڭ.

11 مۆكۈنۈۋالاي دەپ ئويلىساممۇ قاراڭغۇلۇققا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق گەر تۈنگە ئايلانسا،

12 تۈن زۇلمىتى قاراڭغۇ كۆرۈنمەس ساڭا، كېچە گويا كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرار، قاراڭغۇلۇق يوقتۇر سەن ئۈچۈن ئەسلا.

13 شۇنداق، سەن ياراتتىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى، ئاپىرىدە قىلدىڭ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى.

14 شۈكۈر-رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا، چۈنكى قالتىس، ئالامەت ياراتتىڭ مېنى. شۇنچە كارامەت ئىجادىيەتلىرىڭ، ياخشى بىلىمەن قەلبىمدە بۇنى.

15 مېنى پىنھان ياراتقىنىڭدا، پۈتۈلگەندە ئانامنىڭ قورسىقىغا، ساڭا يوچۇن ئەمەستى تېنىم ئەسلا.

16 كۆرگەنىدىڭ ھامىلە چېغىمدا مېنى، كەلمەي تۇرۇپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنى، تەقدىرىم دەپتىرىڭگە يېزىلغانىدى.

17 شۇنچە قەدىرلىكتۇر مەن ھەققىدىكى ئويلىرىڭ، ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ھېچبىر سانى يوقتۇر ئەسلا.

18 سانىماق بولسام ئۇلارنى قۇمدىنمۇ كۆپتۇر ھەتتا، ئەتىگەندە ئويغانغىنىمدا مەن ھەققىدە ئويلايسەن يەنىلا.

19 ئى خۇدا، جۇدا قىلغىن رەزىللەرنى جېنىدىن، ئەي قانخورلار، يىراق قېچىڭلار مېنىڭدىن.

20 كۇپۇرلۇق سۆزلەر سەن ھەققىدە، ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ نامىڭنى قالايمىقان ئېلىپ تىلغا.

21 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۆچ بولغانلارغا ئۆچ بولماسمەنمۇ؟ ساڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يىرگەنمەسمەنمۇ؟

22 ئۇلارغا ئۆچ بولىمەن چىش-تىرنىقىمغىچە، ئۇلارنى دۈشمەن ھېسابلايمەن ئۆزۈمگە.

23 كۆرگىن قەلبىمنى، ئى خۇدا، بىلگىن مېنى، سىناپ كۆر مېنى، بىلگىن ئوي-خىياللىرىمنى.

24 باققىن بىرەر يامانلىق بارمۇ-يوق مەندە، مەڭگۈلۈك يولۇڭدا مېنى يېتەكلە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite