Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

زەبۇر 132 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


132-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

1 پەرۋەردىگار ئەسكە ئالغايسەن داۋۇتنى، ئۇنىڭ تارتقان جەبىر-زۇلۇم، جاپالىرىنى.

2 قەسەم ئىچىپ پەرۋەردىگارغا، ئۇ مۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا:

3 «كىرمەسمەن ئۆيۈمگە، ياتماسمەن ئورنۇمدا.

4 ئۇخلىماسمەن، مۈگدىمەسمەن ھەتتا،

5 تاكى تەييار قىلمىغۇچە ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك خۇداسى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش جايىنى.»

6 ئەھدە ساندۇقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئەفراتادا ئاڭلىغانىدۇق، بىز ئۇ ساندۇقنى يائىر دالالىرىدىن تاپتۇق.

7 خۇدا بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا بارايلى، ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا سەجدە قىلايلى.

8 ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _ ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.

9 ھەققانىيلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ شادلىققا تولسۇن.

10 قىلىپ قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تىكلىگەن پادىشاھىڭنى.

11 قايتۇرۇۋالماس پەرۋەردىگار ۋەدىسىنى، داۋۇتقا بەرگەن مۇنۇ قەسىمىنى: «ۋارىس قىلىمەن تەختىڭگە، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى.

12 ئوغۇللىرىڭ رىئايە قىلسا ئەھدەمگە، بويسۇنسا مەن قىلغان بارلىق ئەمرگە، ئولتۇرار ئوغۇللىرىمۇ تەختىڭدە ئەبەدكە.»

13 شۇنداق، پەرۋەردىگار تاللىغاندۇر سىئوننى، بىز بىلەن ئۇچرىشىشقا خالىغاندۇر بۇ يەرنى.

14 «ئارامگاھىم بۇ مېنىڭ، مەڭگۈگىدۇر ئۇ مېنىڭ ماكانىم، خالىغانمەن بۇ يەرنى مەن ئۆزۈم.

15 بەرھەق، سىئوننى روناق تاپقۇزىمەن، يوقسۇللىرىنىڭ قورساقلىرىنى توق قىلىمەن.

16 كىيدۈرىمەن روھانىيلىرىغا نىجاتلىق تونىنى، ياڭرىتىدۇ تەقۋادارلىرى تەنتەنىلىك ئاۋازنى.

17 كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى، ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى.

18 كىيدۈرىمەن دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىك تونىنى، پارلاق قىلىمەن داۋۇتنىڭ بېشىدىكى تاجىنى.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite