Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

زەبۇر 131 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


131-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات

1 ئى پەرۋەردىگار، تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە. ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا، كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.

2 سۈتكە تويغان بالىدەك ئانىسىنىڭ باغرىدا، كۆڭلۈم تىنىپ، تىنچلاندى تېنىم، بەرھەق، سۈتكە تويغان بالىدەك ئارام تاپتىم.

3 ئەي ئىسرائىللار، ئەبەدىي ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite