Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

زەبۇر 130 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


130-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

1-2 پەرياد قىلدىم پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە، قۇلاق سالغىن ئىگەم مېنىڭ ئەرزىمگە. ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ياردەم تىلىگەن سادايىمنى.

3 ئەگەر خۇدا پۈتۈپ قويساڭ پۈتۈكۈڭگە بىزنىڭ قىلغان گۇناھ ۋە قىلمىشىمىزنى، قۇتقۇزالار جازايىڭدىن كىم ئۆزىنى؟

4 بىراق كەچۈرۈم بولغاچ سەندە، ساڭا ئىخلاس باردۇر بىزدە.

5 كۈتمەكتىمەن پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈشتە، ۋۇجۇدۇمدا ئۈمىد بولغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە.

6 سەھەرگە تەشنا بولغان كېچىلىك كۆزەتچىنىڭ زارىقىشىدەك كۈتمەكتىمەن ئىگەمنى قېتىدىن يۈرىكىمنىڭ.

7 ئەي ئىسرائىللار، ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت باردۇر ئۇنىڭدا، تەييار تۇرغاندۇر ئۇ بىزنى قۇتقۇزۇشقا.

8 پەقەت پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئىسرائىللارنى، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن خالاس قىلىپ ئۇلارنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite