زەبۇر 111 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى111-مۇناجات 1 ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا! ھەق يولدىكى جامائەت ئارىسىدا، شۈكۈر ئېيتىمەن ئىخلاس بىلەن خۇداغا. 2 ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى، بۇنى تىلغا ئېلىشار ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلگەنلىرى. 3 پەرۋەردىگارنىڭ ئەجرى ھەيۋەت، شەرەپلىكتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلۇر. 4 مۆجىزىلىرىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالار، رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار. 5 خۇدا بېرەر ئىخلاسمەنلىرىنىڭ رىزقىنى، تائەبەد ئېسىدە تۇتار ئۆز ئەھدىسىنى. 6 پەرۋەردىگار كۆرسەتتى ئۆز قوۋمىغا قۇدرىتىنى، ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا ياتلارنىڭ زېمىنىنى. 7 ئۇ ئادىل، ۋاپادار ھەربىر ئىشىدا، ئىشەنچ باردۇر يوليورۇقلىرىدا. 8 داۋاملىشار ئۇلار مەڭگۈ، تائەبەدكە، ئورۇندىلار ئۇلار دۇرۇس، ساداقەتلىكتە. 9 مۇقەددەس، سۈرلۈكتۇر خۇدا! قۇتۇلۇش بەردى ئۆز قوۋمىغا، ئەھدىسىنى بېكىتتى ھەم مەڭگۈگە. 10 دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti