Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

نەخەمىيا 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


روھانىيلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى

1 شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە باش روھانىي يوشۇۋا بىلەن بىرگە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: روھانىيلاردىن: سىرايا، يەرەمىيا، ئەزرا،

2 ئاماريا، ماللۇك، خاتتۇش،

3 شىكانيا، رىخۇم، مىرېموت،

4 ئىددو، گىننېتوي، ئابىيا،

5 مىيامىن، مائاديا، بىلگاھ،

6 شىمايا، يويارىب، يىدايا،

7 ساللۇ، ئاموق، خىلقىيا ۋە يىدايا. يۇقىرىقىلار يوشۇۋا دەۋرىدىكى روھانىيلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلىگەنلەر ئىدى.

8 لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا، بىننۇي، قادمىئېل، شېرېبىيا، يەھۇدا ۋە ماتتانيا. ماتتانيا ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە مىننەتدارلىق ناخشىلىرى ئېيتىشقا مەسئۇل ئىدى.

9 ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بولغان باقبۇقيا بىلەن ئۇننى ناخشا ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇراتتى.


باش روھانىي يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى

10 باش روھانىي يوشۇۋا يوياقىمنىڭ ئاتىسى، يوياقىم ئەلياشىبنىڭ ئاتىسى، ئەلياشىب يويادانىڭ ئاتىسى ئىدى.

11 يويادا يوناتاننىڭ ئاتىسى، يوناتان ياددۇئانىڭ ئاتىسى ئىدى.


روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى

12 يوياقىم باش روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان مەزگىلدە، روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تۆۋەندىكىچە بولغان: سىرايا جەمەتىدىن مىرايا، يەرەمىيا جەمەتىدىن خانانيا،

13 ئەزرا جەمەتىدىن مىشۇللام، ئاماريا جەمەتىدىن يىھوخانان،

14 ماللۇكى جەمەتىدىن يوناتان، شىبانيا جەمەتىدىن يۈسۈپ،

15 خارىم جەمەتىدىن ئادنا، مىرايوت جەمەتىدىن خەلقاي،

16 ئىددو جەمەتىدىن زىكىرىيا، گىننىتون جەمەتىدىن مىشۇللام،

17 ئابىيا جەمەتىدىن زىكرى، مىنيامىن جەمەتىدىن، موئاديا جەمەتىدىن پىلتاي،

18 بىلگاھ جەمەتىدىن شاممۇۋا، شىمايا جەمەتىدىن يىھوناتان،

19 يويارىب جەمەتىدىن ماتتىناي، يىدايا جەمەتىدىن ئۇززى،

20 ساللاي جەمەتىدىن قاللاي، ئاموق جەمەتىدىن ئېبەر،

21 خىلقىيا جەمەتىدىن خاشابيا، يىدايا جەمەتىدىن نىتانئېل.


روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت تەزكىرىسى

22 ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئالار باش روھانىي بولغان مەزگىللەردە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ۋە پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغانىدى.

23 لېكىن ئىبادەتخانا تەزكىرىسىدە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى پەقەت ئەلياشىبنىڭ نەۋرىسى يوخاناننىڭ دەۋرىگىچىلا تىزىملانغانىدى.


لاۋىيلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى

24 خاشابيا، شېرېبىيا، يېشۇۋا، بىننۇي ۋە قادمىئېللار لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىبادەتلەردە باشقىلار بىلەن بىرگە روبىرو تۇرۇشۇپ، خۇدانى مەدھىيەلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشەتتى.

25 ئىبادەتخانا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى ئامبارلارغا قارايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ماتتانيا، باقبۇقيا، ئوبادىيا، مىشۇللام، تالمون ۋە ئاققۇبلار ئىدى.

26 مانا بۇ كىشىلەر يوزاداقنىڭ نەۋرىسى يوشۇۋانىڭ ئوغلى باش روھانىي يوياقىم، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيانىڭ ۋە روھانىي ھەم تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ زامانىدا ياشىغانىدى.


شەھەر سېپىللىرىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى

27 يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىللىرى خۇداغا بېغىشلىنىدىغان چاغدا، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن مۇراسىمغا قاتنىشىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار مۇراسىمنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مىننەتدارلىق بىلەن جاڭ، چىلتار ۋە لىرالارنى چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ تەبرىكلىدى.

28 مۇناجاتچىلار يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى جايلاردىن، جۈملىدىن نىتوفانىڭ يېزىلىرىدىن،

29 بەيت-گىلگالدىن، گەبا ۋە ئازماۋەت قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ يىغىلدى. چۈنكى مۇناجاتچىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قۇرۇپ چىققانىدى.

30 روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئاۋۋال ئۆزلىرىنى، ئاندىن جامائەتنى پاكلىدى. كېيىن ئۇلار شەھەر دەرۋازىلىرى ۋە سېپىللارنىمۇ پاكلىدى.

31 مەن يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنى سېپىل ئۈستىگە يىغدىم ۋە مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنى ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلدۈم. بىر بۆلىكى سېپىل ئۈستى بىلەن جەنۇبىي يۆنىلىشتىكى قىغ دەرۋازىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

32 ھوشايا ۋە يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېرىمى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.

33 يەنە ئازاريا، ئەزرا، مىشۇللام،

34 يەھۇدا، بىنيامىن، شىمايا ۋە يەرەمىيالارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.

35 ئاندىن بەزى روھانىيلار كاناي چېلىپ، ئاساف ئەۋلادىدىن بولغان زىكىرىيا بىلەن ماڭدى. زىكىرىيا يوناتاننىڭ ئوغلى، يوناتان شىمايانىڭ ئوغلى، شىمايا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر بولسا ئاساف ئەۋلادىدىن ئىدى.

36 ئۇلارنىڭ كەينىدىن زىكىرىيانىڭ ھەمراھلىرى ماڭدى. ئۇلار شىمايا، ئازارئېل، مىلالاي، گىلالاي، مائاي، نىتانئېل، يەھۇدا ۋە خانانىلار بولۇپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ سازلىرىغا ئوخشاش سازلارنى چېلىپ ماڭدى. بۇ توپقا تەۋرات ئۇستازى ئەزرا يېتەكچىلىك قىلغانىدى.

37 ئۇلار بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلگەندە، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، «داۋۇت شەھىرى»نىڭ ئەتراپىدىكى سېپىلنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقتى. ئاندىن ئۇلار داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى سۇ دەرۋازىسىغا كەلدى.

38 مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغان ئىككىنچى بۆلەك بىرىنچى بۆلەكنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن باشقا يول بىلەن شىمالغا يۈرۈپ كەتتى. مەن ۋە جامائەتنىڭ قالغان يېرىمى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئۇلار سېپىل ئۈستى بىلەن تونۇرلار مۇنارىدىن ئۆتۈپ، كەڭ سېپىلگە يەتتى.

39 ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ، يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى.

40 مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغان ھەر ئىككى توپ ئىبادەتخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. مەنمۇ بىللە كەلگەن بىر توپ ئەمەلدارلار بىلەن ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدىم.

41 بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئورۇن ئالغانلار كاناي چالغۇچى روھانىيلار بولۇپ، ئۇلار ئەلياقىم، مائاسېيا، مىنيامىن، مىكايا، ئەليوئېناي، زىكىرىيا ۋە خانانيالار ئىدى.

42 ئۇ يەردە يەنە مائاسېيا، شىمايا، ئەلئازار، ئۇززى، يىھوخانان، مالكىيا، ئېلام ۋە ئەزەرلەر بار ئىدى. مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغانلار يىزراخيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشتى.

43 جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىقنى يىراق جايلاردىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.


ئىبادەتخانىنىڭ تەمىناتى

44 ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.

45 ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتىدى. مۇناجاتچىلار ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇت پادىشاھ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى.

46 بۇرۇن داۋۇت پادىشاھ ۋە ئاسافنىڭ زامانىسىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇش ئادىتى بار ئىدى.

47 زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىسىغا كەلگەندە، بارلىق ئىسرائىللار مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار روھانىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite