مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرىسىيلەرنىڭ كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشى 1 پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى. 2 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - كەچقۇرۇن سىلەر: «ئۇپۇقتا قىزىل شەپەق كۆرگىنىڭلاردا، ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ» دەيسىلەر. 3 ئەتىگەندە: «بۈگۈن ئاسماننىڭ رەڭگى كۆكۈش قىزىل ۋە بۇلۇتلۇق، ھاۋا بۇزۇلىدۇ» دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگىنى چۈشەندۈرەلەيسىلەريۇ، بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرەلمەيسىلەر! 4 ئوسال ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىلىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى تاشلاپ كەتتى. ساختا تەلىمدىن ساقلىنىش 5 شاگىرتلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى. 6 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، - دېدى. 7 شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى. 8 ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟ 9 تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرغانلىقىم، يەنە قانچە سېۋەت يېمەكلىك يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ 10 يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنى تويدۇرغانلىقىم، يەنە قانچە سېۋەت يېمەكلىك يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ 11 سىلەر نېمىشقا مېنىڭ ئېيتقىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ مەن يەنە سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دەيمەن. 12 شاگىرتلار شۇندىلا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختا تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ دەپ تونۇشى 13 ھەزرىتى ئەيسا فىلىپ قەيسەرىيىسى رايونىغا كەلگىنىدە، شاگىرتلىرىدىن: - كىشىلەر ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ - دەپ سورىدى. 14 شاگىرتلىرى: - بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر يەرەمىيا ياكى باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، - دەپ جاۋاب بەردى. 15 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. 16 پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن: - سىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى. 17 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - نېمىدېگەن بەختلىكسەن، يۇنۇس ئوغلى سىمۇن! بۇنى ساڭا ئاشكارىلىغۇچى ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتام خۇدادۇر. 18 ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. 19 ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا بېرىمەن. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلۇپ بولغان بولىدۇ. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويمىغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلمىغان بولىدۇ، - دېدى. 20 بۇ سۆزلەردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۆزىنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى 21 شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى. 22 بۇ گەپنى ئاڭلىغان پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ: - يا رەببىم، نېمىشقا بۇنداق خىيالدا بولىسىز؟ بېشىڭىزغا بۇنداق ئىشلار ئەسلا كەلمەيدۇ! - دېدى. 23 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا قاراپ: - يوقال كۆزۈمدىن، شەيتاندەك سۆزلەۋاتىسەن! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭ، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، - دېدى. 24 كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! 25 چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. 26 بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟! 27 ئىنسانئوغلى بولغان مەن ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىمەن. 28 بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى ئىچىدە كەلگەنلىكىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti