لاۋىيلار 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەنە ئەيىب قۇربانلىقى توغرىسىدا 1 _ ئەيىب قۇربانلىقى ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى تۆۋەندىكىدەكتۇر: 2 ئەيىب قۇربانلىقى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە بوغۇزلانسۇن. قېنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چېچىلسۇن. 3 روھانىي قۇربانلىقنىڭ بارلىق مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، 4 بۆرەك مېيى، ئىككى بۆرىكى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. 5 روھانىي بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. بۇ ئەيىب قۇربانلىقى بولىدۇ. 6 روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنى يېسە بولىدۇ. بۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر. 7 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ياكى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولۇپ، قۇربانلىقلارنىڭ گۆشى گۇناھتىن ساقىت قىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن روھانىيغا تەۋە بولىدۇ. 8 بىرەر كىشىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىگە ئىگە بولىدۇ. 9 ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ھەرقانداق ھەدىيەلەر مەيلى تونۇردا، مەيلى قازاندا ياكى تاۋىدا پىشۇرۇلغان بولسۇن، ھەممىسى ئۇلارنى سۇنغان روھانىيغا تەۋە بولىدۇ. 10 لېكىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغىنى ئۇن بولسا، ئۇنىڭغا مەيلى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلسۇن ياكى ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن، ھەممىسى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا تەڭ تەۋە بولىدۇ. يەنە ئامانلىق قۇربانلىقى توغرىسىدا 11 _ مەن پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: 12 ئەگەر بىرسى ماڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا، مىننەتدارلىق قۇربانلىقى بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ، زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نان ۋە سۈپەتلىك ئۇندا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىردا قىلىنغان توقاچنى سۇنسۇن. 13 مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىغا قوشۇپ خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان توقاچمۇ سۇنسۇن. 14 نانلارنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرى مېنىڭ نېسىۋەم بولسۇن. بۇ نانلار ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى چاچقان روھانىيغا تەۋە بولسۇن. 15 مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى روھانىي شۇ كۈنىلا يېۋەتسۇن، ئەتىسىگە قالدۇرمىسۇن. 16 سۇنۇلغان ئامانلىق قۇربانلىقى مەيلى ئىچكەن قەسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قىلىنغان ياكى خالىس قىلىنغان بولسۇن، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى شۇ كۈنى يەپ بولالمىسا، ئەتىسى يېسىمۇ بولىدۇ. 17 ئەگەر قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، چوقۇم كۆيدۈرۈلسۇن. 18 ناۋادا ئۈچىنچى كۈنىمۇ يەنە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى يېيىلسە، قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ ھەم قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ قۇربانلىق سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېگۈچى جازايىمغا ئۇچرايدۇ. 19 ئەگەر ئامانلىق قۇربانلىقى ھەرقانداق بىر ناپاك نەرسىگە تېگىپ كەتسە، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ كۆيدۈرۈلسۇن. لېكىن ئامانلىق قۇربانلىقى ناپاك بولمىغان بولسا، ئۇنى ھەرقانداق پاك كىشى يېسە بولىدۇ. 20 ئەگەر ناپاك بىر ئادەم ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 21 ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە، ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى باشقا ھەرقانداق ناپاك، يىرگىنچلىك نەرسىگە تېگىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 22 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 23 _ سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ مېيىنى يېمەڭلار. 24 يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ مېيىنىمۇ يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. 25 ھەرقانداق بىر كىشى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ مېيىنى يېسە، ئۇ خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 26 مەيلى سىلەر نەدە بولماڭلار، قۇشنىڭ ۋە ھايۋاننىڭ قېنىنى يېمەڭلار. 27 قان يېگۈچىلەر خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.» 28 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 29 _ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنىڭ بىر قىسىم گۆشىنى ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن. 30 ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنى، يەنى قۇربانلىقنىڭ مايلىرىنى ۋە تۆشىنى ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ كەلسۇن. تۆشنى ماڭا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈرسۇن. 31 مايلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن، تۆشى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. 32-33 قۇربانلىقنىڭ ئوڭ يانپىشى روھانىينىڭ، يەنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىكى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قان ۋە مايلىرىنى سۇنغان روھانىينىڭ نېسىۋىسىدۇر. 34 چۈنكى ئامانلىق قۇربانلىقى ئىچىدىكى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان تۆشنى ئىسرائىل خەلقى ئارقىلىق روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئاتىدىم. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللاردىن ئىگە بولىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. 35 تائام ھەدىيەلىرىدىكى يانپاش ۋە تۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈندىن باشلاپ، ئىگە بولىدىغان نېسىۋىدۇر. 36 ئۇلار بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ روھانىي بولغان كۈنى مەن پۈتۈن ئىسرائىللارغا قۇربانلىقنىڭ بۇ قىسمىنى ئۇلارغا بېرىشكە ئەمر قىلدىم. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن. 37-38 يۇقىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئەيىب قۇربانلىقى، روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھەم ئامانلىق قۇربانلىقىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىقلارنى ئۆزىگە ئاتاپ ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇغانىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti