سەردارلار 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىبورا بىلەن باراقنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى 1 ئېھۇد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 2 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى خازور شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كەنئان پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرا خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدە تۇراتتى. 3 ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى. 4 ئۇ چاغدا دىبورا ئىسىملىك بىر ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا ھاكىملىق قىلاتتى، ئۇ لاپپىدوتنىڭ ئايالى ئىدى. 5 ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى راماھ بىلەن بەيتەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ خورما دەرىخى بولۇپ، دىبورا ئاشۇ خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، دەرد ئېيتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ دەۋالىرىنى سورايتتى (بۇ دەرەخ كېيىنچە «دىبورا دەرىخى» دەپ ئاتالغان). 6 بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل. 7 مەن يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قىشون دەرياسى بويىدا سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىرىمەن، ھەمدە ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ئەمر قىلدى، _ دېدى. 8 باراق ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سىز بىللە بارسىڭىز، مەن باراي، سىز بارمىسىڭىز مەنمۇ بارمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 9 دىبورا: _ بولىدۇ، مەن بىللە باراي. بىراق سەن غەلىبە قىلساڭمۇ شان-شۆھرىتىڭ بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىسىرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دىبورا بىلەن باراق بىللە قەدەش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. 10 باراق زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىنى قەدەش شەھىرىگە چاقىرىپ، ئۇلاردىن 10 مىڭ كىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. دىبورامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى. 11 ئۇ چاغدا قېنلاردىن بولغان خەبەر، قەدەش شەھىرىگە يېقىن بولغان زائاناننىمدىكى بىر تۈپ دۇپ دەرىخى يېنىدا چېدىر تىككەنىدى. ئۇ باشقا قېنلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاكىسى خوبابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 12 سىسىرا ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنىڭ تابور تېغىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، 13 تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى يىغىپ، خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن قىشون دەرياسى بويىغا باردى. 14 دىبورا باراققا: _ ئالغا! بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسىرانى قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ۋە ساڭا يولباشچى بولىدىغان كۈن ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن باراق 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ تابور تېغىدىن چۈشتى. 15 باراقنىڭ قوشۇنى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، پەرۋەردىگار سىسىرانى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قوشۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. سىسىرا ھارۋىسىنى تاشلاپ پىيادە قېچىپ كەتتى. 16 باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا جان بەردى، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى. 17 سىسىرا قېچىپ قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېلنىڭ چېدىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. چۈنكى خازور پادىشاھى يابىن خەبەر بىلەن دوست ئىدى. 18 يائېل سىسىرانىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: _ جانابلىرى ئىچكىرىگە مەرھەمەت قىلسىلا، قورقمىسىلا، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسىرا چېدىرغا كىردى. يائېل ئۇنى تۆشەك ياپقۇچى بىلەن يوشۇرۇپ قويدى. 19 سىسىرا ئۇنىڭغا: _ ئۇسساپ كەتتىم. ئازراق سۇ بەرسىڭىز، _ دېدى. يائېل ئۇنىڭغا بىر تۇلۇمنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن سۈت قۇيۇپ بەردى ۋە ئۇنى يەنە يوشۇرۇپ قويدى. 20 سىسىرا يائېلغا: _ چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغايسىز، ئەگەر بىرى كېلىپ، بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ دەپ سورىسا، يوق دېگەيسىز، _ دېدى. 21 سىسىرا ئىنتايىن چارچاپ كەتكەچكە، يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل قولىغا توقماق بىلەن چېدىرغا قاقىدىغان قوزۇقتىن بىرنى ئېلىپ، سىسىرانىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ، قوزۇقنى ئۇنىڭ چېكىسىگە قېقىپ يەرگە پاتۇرىۋەتتى. سىسىرا ئۆلدى. 22 باراق سىسىرانى ئىزدەپ كەلگەنىدى، يائېل ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: _ بۇ ياققا كېلىڭ، مەن سىز ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتەي، _ دېدى. باراق ئۇنىڭ بىلەن چېدىرغا كىرىپ، سىسىرانىڭ ئۆلۈك ياتقىنىنى ۋە چېكىسىگە قوزۇق قېقىلغانلىقىنى كۆردى. 23 ئۇ كۈنى خۇدا ئىسرائىللارغا كەنئان پادىشاھى يابىننى باش ئەگدۈرۈپ بەردى. 24 شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، كەنئان پادىشاھى يابىن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاخىرى ئۇنى يوقاتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti