يەشايا 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن چىققان پادىشاھ 1 خۇددى كۆتەكتىن ئۈنۈپ چىققان نوتىدەك، يىشاينىڭ يىلتىزىدىن بىر كۆچەت يېتىلىپ چىقىپ، مېۋە بېرىدۇ. 2 پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىدراك بېرىدۇ، ئۇنىڭغا مەسلىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك ئاتا قىلىدۇ. 3 ئۇ، پەرۋەردىگارغا بولغان ئىتائەتمەنلىكىدىن شادلىنىدۇ، ئۇ، كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئاساسەن قارار چىقارمايدۇ. 4 ئۇ كەمبەغەللەرگە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ. ئۇ سۆزلىرى بىلەن ئادەملەرنى كالتەكلەيدۇ، ئۇ نەپىسى ئارقىلىق رەزىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ. 5 ھەققانىيلىق ئۇنىڭ كەمىرىدۇر، سادىقلىق ئۇنىڭ بەلبىغىدۇر. 6 شۇ چاغدا بۆرە بىلەن قوزا بىللە ياشايدۇ، يىلپىز بىلەن ئۆچكىچاق بىللە ياتىدۇ، مۇزاي بىلەن شىر بىللە ئوتلايدۇ، كىچىك بالا ئۇلارنى يېتىلەپ يۈرىدۇ. 7 كالا بىلەن ئېيىق بىللە ئوتلايدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە ياتىدۇ، شىر كالىغا ئوخشاش سامان يەيدۇ. 8 بوۋاقلار كۆزەينەكلىك يىلان ئۇۋىسى يېنىدا ئوينايدۇ، بالىلار زەھەرلىك يىلان ئۇۋىسىغا قولىنى تىقىپ ئوينايدۇ. 9 پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ. خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىدىغان بىلىم بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. 10 شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ. 11 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. 12 پەرۋەردىگار شۇ ئەللەردە تۇغ چىقىرىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ چېچىلىپ كەتكەن خەلقىنى يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن يىغىپ كېلىدۇ. 13 ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەگە ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالارغا زىيانكەشلىك قىلىشمۇ توختىتىلىدۇ، ئىسرائىللار يەھۇدالارغا قىزغانچۇقلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالار مۇ ئىسرائىللارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىدۇ، 14 ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ. 15 پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ، ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ. 16 خۇددى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا بىر يول ئېچىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ قېپقالغان ئاز بىر قىسىم خەلقىگىمۇ ئاسسۇرىيەدىن بىر يول ئېچىلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti