Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىبرامنىڭ لۇتنى قۇتقۇزۇشى

1 شۇ كۈنلەردە بابىل پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسار پادىشاھى ئاريوك، ئېلام پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىم پادىشاھى تىدئال قاتارلىق تۆت پادىشاھ بىرلىشىپ،

2 سودوم پادىشاھى بەرا، گومورا پادىشاھى بىرشا، ئادماھ پادىشاھى شىناب، زىبويىم پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بەلا (زوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پادىشاھىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.

3 بۇ بەش پادىشاھ قوشۇنلىرىنى سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىدۇر.)

4 ئەسلىدە بۇ بەش پادىشاھ 12 يىل كىدورلاۋمەر پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان بولۇپ، 13-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى.

5 14-يىلى كىدورلاۋمەر پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ بېرىپ، ئاشتاروت-قارنائىم دېگەن يەردە رافاھلارنى، ھام دېگەن يەردە زۇزلارنى، قىرياتائىم تۈزلەڭلىكىدە ئېيملارنى

6 ۋە سەئىر تاغلىق رايونىدا ياشاۋاتقان خورىلارنى چۆل بويىدىكى ئەلپارانغىچە قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلدى.

7 ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.

8 شۇنىڭ بىلەن سودوم، گومورا، ئادماھ، زىبويىم ۋە بەلا، يەنى زوئار قاتارلىق بەش پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىرى قوشۇنلىرىنى باشلاپ، سىددىم ۋادىسىدا جەڭگە تەييارلاندى.

9 ئۇلار ئېلامنىڭ پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدئال، بابىلنىڭ پادىشاھى ئامرافەل ۋە ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئاريوكتىن ئىبارەت تۆت پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلدى.

10 سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم پادىشاھى بىلەن گومورا پادىشاھى يېڭىلىپ قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى قارا ماي كۆلچەكلىرىگە غەرق بولدى، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.

11 تۆت پادىشاھ سودوم بىلەن گومورانىڭ پۈتۈن بايلىق ۋە ئاشلىق-تۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى.

12 ئۇ چاغدا ئىبرامنىڭ جىيەنى لۇت سودومدا تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىمۇ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ بۇلاپ كەتتى.

13 لېكىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن بولغان مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى، يەنى ئەشكول ۋە ئانېر ئىبرام بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ھەمكارلاشقۇچىلار ئىدى.

14 ئىبرام جىيەنى لۇتنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئادەملىرى ئىچىدىكى قورال تۇتالايدىغان 318 ئادەمنى توپلاپ، تۆت پادىشاھنى دان دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى.

15-16 ئۇ ئادەملىرىنى ئۇ يەردە بىرقانچە توپقا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، بۇلاپ كېتىلگەن ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، ئاياللارنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ ئالدى.


مالكىسىدىقنىڭ ئىبرامغا بەخت تىلىشى

17 ئىبرام كىدورلاۋمەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان ھەرقايسى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سودوم پادىشاھى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شاۋېھ جىلغىسى (خان جىلغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا باردى.

18 ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالېمنىڭ پادىشاھى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ،

19 ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ: «پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي!

20 سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي!» دېدى. ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى.

21 سودوم پادىشاھى ئىبرامغا: _ سەن غەنىيمەت ئالغان مال-مۈلكۈمنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، لېكىن ئادەملىرىمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ! _ دېدى.

22 ئىبرام ئۇنىڭغا: _ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

23 مەن سېنىڭ ھەرقانداق نەرسەڭنى، يەنى كەشىڭنىڭ بوغقۇچىنى، ھەتتا بىر تال يىپىڭنىمۇ ئالمايمەن. بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئىبرامنى باي قىلىپ قويدۇم!» دېيىشتىن يانمايسەن.

24 شۇڭا پەقەت ئادەملىرىمنىڭ يېگىنىلا سەندىن ئالغىنىم بولسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمەڭنى ئالمايمەن. لېكىن مېنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىم بولغان ئانېر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە غەنىيمەتلەردىن تېگىشلىكىنى ئايرىپ بەرگىن، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite