گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1-2 يەنە ئېيتماقچى بولغىنىم: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، ئۇ تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش يېشىغا توشمىغۇچە، ئۇ بالىنىڭ ئۆينىڭ قۇلىدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يەنىلا خوجىدار ۋە بالىغا قارىغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. 3 شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، يەنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرگە قۇل بولغانىدۇق. 4 لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى. 5 بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغان بىزلەرنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتى قىلىشتۇر. 6 سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ روھىنى قەلبىڭلارغا سالدى. بۇ روھ سىلەرنى خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا» دەپ چاقىرتىدۇ. 7 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر قۇل ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مىراسخور بولىسىلەر. پاۋلۇسنىڭ گالاتىيالىقلاردىن ئەندىشە قىلىشى 8 بۇرۇن، خۇدانى تونۇمايدىغان ۋاقتىڭلاردا يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلى بولغانىدىڭلار. 9 ئەمدىلىكتە، ھەقىقىي خۇدانى تونۇدۇڭلار. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلدۇڭلار. شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز، كېرەكسىز قائىدە-يوسۇنلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتماقچى بولىسىلەر؟ 10 سىلەر يەنىلا مەلۇم كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى خاتىرىلەۋاتىسىلەر. 11 مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. 12 قېرىنداشلار، گەرچە مەن يەھۇدىي بولساممۇ، ئەمدى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەسىرى بولماي، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ئۇنىڭدىن مۇستەسنامەن. سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، بۇ جەھەتتە ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار. سىلەر ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار. 13 سىلەرگە مەلۇمكى، كېسەل سەۋەبىدىن گالاتىيادا دەم ئېلىۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. 14 ئۇ چاغدا، كېسىلىم سىلەر ئۈچۈن بىر ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار، رەت قىلمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا ئەيسا مەسىھنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار. 15 ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! جەزم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار. 16 ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن، دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟ 17 مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى ئادەملەر سىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا تىرىشماقتا. ئۇلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار سىلەرنى بىزدىن ئايرىۋېتىپ، ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى. 18 مەيلى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولاي ياكى بولماي، سىلەرگە قىزىقىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى توغرا بولسىلا، ياخشى بولاتتى، ئەلۋەتتە. 19 بالىلىرىم! ئېتىقادىڭلار ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتى سىلەردە گەۋدىلەنگۈچە، مەن سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم خۇددى تولغاق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىدەك ئازابلىنىۋاتىمەن. 20 مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ، قانداق قىلىشنى راستتىنلا بىلمەيۋاتىمەن! ھەجەر بىلەن سارەنىڭ مىسالى 21 تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ 22 تەۋراتتا ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ بىرى قۇل ئايال ھەجەردىن، يەنە بىرى ئۆز ئايالى سارەدىن بولغان. 23 قۇل ئايالدىن بولغان ئوغۇل پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە، ئۆز ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە دۇنياغا كەلگەن. 24 بۇ يەردە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بار. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. تەۋرات قانۇنى دەل سىناي تېغىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن يەھۇدىيلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىدۇ. ھەجەرنىڭ ئۆزى قۇل بولۇپ، بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سىناي تېغىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 25 ھالبۇكى، ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنغان ھەجەرنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ شەھەر ئۆز خەلقى بىلەن ھازىرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا تۇرماقتا. 26 ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئايالى سارە بولسا ئەركىن ئايال بولغاچقا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمنى بىزنىڭ ئانىمىز دېيىشكە بولىدۇ. 27 چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «خۇشال بول، ئەي پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىل يۇقىرى ئاۋازىڭ بىلەن تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! چۈنكى، دەسلەپتە تۇغماس بولغان ئايالنىڭ پەرزەنتلىرى باشقا ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىدىنمۇ كۆپ بولدى.» 28 قېرىنداشلار، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇددى ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە سارەدىن تۇغۇلغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلدۇڭلار. 29 ئۇ چاغدا، پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە تۇغۇلغان ئىسمائىل مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاپائەت بىلەن تۇغۇلغان ئىسھاققا قانداق زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، ھازىر تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغانلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەرگە شۇنداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. 30 لېكىن، مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دەپ يېزىلغان؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدەك ئايالىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەك ئايالىڭنىڭ ئوغلى ھەرگىز ئەركىن ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولۇپ قالمىسۇن» دەپ يېزىلغان. 31 دېمەك، قېرىنداشلار، بىز قۇل ئايالنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەركىن ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىمىز. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti