ئەزەكىئەل 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئەزەكىئەلنىڭ تۇنجى كۆرگەن غايىبانە ئالامىتى 1 ھاياتىمنىڭ 30-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كىبار قانىلى بويىدا سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. تۇيۇقسىز ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ غايىبانە ئالامەتلەر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈم. 2 پادىشاھ يوياكىننىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 5-يىلى، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى 3 (بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.) 4 مەن يۇقىرىغا قارىسام، غايىبانە ئالامەتتە شىمالدىن بوران چىقىۋېتىپتۇ. بوراننىڭ ئىچىدە ئوتتەك يېنىپ تۇرغان چوڭ بىر پارچە بۇلۇت بار ئىدى. ئەتراپى پارلاق نۇرغا تولغانىدى. ئوتنىڭ مەركىزى تاۋلانغان مېتالدەك يالتىرايتتى. 5 ئوتنىڭ ئىچىدە تۆت مەخلۇق تۇراتتى. كۆرۈنۈشتە ئۇلار ئادەمگە ئوخشايتتى. 6 ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئوخشىمىغان تۆت يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى. 7 ئۇلارنىڭ پاچاقلىرى تۈز، پۇتلىرى موزاي تۇياقلىرىدەك بولۇپ، پۇتلىرى خۇددى پارقىرىتىلغان تۇچتەك يالتىرايتتى. 8 تۆت قانىتىنىڭ ئاستىدا ئادەمنىڭكىدەك قوللىرى بار ئىدى. تۆت يۈزلۈك ۋە تۆت قاناتلىق بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ 9 قاناتلىرى يېيىلغاندا بىر-بىرىنىڭكىگە تېگىشىپ تۇراتتى. ئۇلار ماڭغاندا بۇرۇلمايتتى، پەقەت ئالدىغىلا قاراپ ماڭاتتى. 10 بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ يۈزلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىدى: ئالدىدىن قارىسا ئادەمگە، ئوڭ تەرىپىدىن قارىسا شىرغا، سول تەرىپىدىن قارىسا بۇقىغا، ئارقىسىدىن قارىسا بۈركۈتكە ئوخشايتتى. 11 مەخلۇقلارنىڭ يۈزلىرى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر جۈپتىن قاناتلىرى يېيىلغان بولۇپ، يېنىدىكىلەرنىڭ قاناتلىرىغا تېگىشىپ تۇراتتى. قالغان بىر جۈپتىن قاناتلىرى بەدەنلىرىنى يېپىپ تۇراتتى. 12 پەرۋەردىگارنىڭ روھى نەگە بارسا، ئۇلارمۇ شۇ يەرگە باراتتى، ماڭغاندا بۇرۇلماي ئۇدۇل ماڭاتتى. 13 مەخلۇقلار يالقۇنلاۋاتقان چوغ ياكى مەشئەلگە ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئوت ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ ئوت چاقناپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىن چاقماق چېقىلاتتى. 14 ئۇلار ئۇ ياق، بۇ ياققا خۇددى چاقماقتەك تېز بېرىپ كېلىشەتتى. 15 مەن بۇ مەخلۇقلارغا نەزەر سېلىۋېتىپ، ھەربىر مەخلۇقنىڭ يېنىدا بىردىن چاقنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، چاقلار يەرگە تېگىپ تۇراتتى. 16 تۆت دانە چاقنىڭ شەكلىمۇ، تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇلار سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئىچىگە يەنە بىردىن چاق توغرىسىغا كىرىشتۈرۈلگەنىدى. 17 مەخلۇقلار يۈزلىرى قارىغان تۆت تەرەپكە بۇرۇلمايلا ماڭالايتتى. 18 چاقلارنىڭ چەمبىرەكلىرى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. 19 مەخلۇقلار ماڭسا، يانلىرىدىكى چاقلارمۇ بىرگە ماڭاتتى، مەخلۇقلار يەردىن يۇقىرىغا ئۆرلىسە، چاقلارمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى. 20 روھ نەگە بارسا، چاقلارمۇ شۇ يەرگە باراتتى، چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردىمۇ بار ئىدى. 21 مەخلۇقلار ماڭسا، چاقلارمۇ ماڭاتتى، مەخلۇقلار توختىسا، چاقلارمۇ توختايتتى. مەخلۇقلار يۇقىرى ئۆرلىسە، چاقلارمۇ بىرگە يۇقىرى ئۆرلەيتتى، چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردىمۇ بار ئىدى. 22 مەخلۇقلارنىڭ بېشى ئۈستىدە خۇددى خىرۇستالدەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سۇپا بار ئىدى. 23 سۇپىنىڭ ئاستىدا تۆت مەخلۇق قاناتلىرىنى يېيىپ تۇرغان بولۇپ، ئىككىدىن قاناتلىرى بىر-بىرىنىڭ قاناتلىرىغا تېگىشىپ تۇراتتى، يەنە بىر جۈپ قاناتلىرى بەدەنلىرىنى يېپىپ تۇراتتى. 24 ئۇلار ئۇچقان ۋاقتىدا، قاناتلىرىدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ ئاۋاز خۇددى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئاۋازىغا ياكى بىر قوشۇندىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە ئوخشايتتى. مەخلۇقلار توختىغاندا، قاناتلىرىنى يىغاتتى. 25 ئۇلار توختاپ قاناتلىرىنى يىغقاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدىن جاراڭلىغان بىر ئاۋاز كېلەتتى. 26 ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدە كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختكە ئوخشايدىغان ئۇ نەرسىدە ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى. 27 ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئۈستىنىڭ ئوتتا قىزارغان مېتالدەك يالتىرايدىغانلىقىنى، تۆت ئەتراپىدا ئوت يېنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى مەشئەلگە ئوخشايتتى ۋە ئەتراپى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر بىلەن قورشالغانىدى. 28 ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايتتى. ئەتراپىدىكى پارلىغان نۇرنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ نۇر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا ئوخشايتتى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم ۋە ئارقىدىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti