مىسىردىن چىقىش 33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى سىناي تېغىدىن كېتىشكە بۇيرۇشى 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارغىن. مەن: «بۇ زېمىننى ئەۋلادىڭلارغا بېرىمەن» دەپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ۋەدە قىلغانىدىم. 2 سىلەرگە يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن كەنئانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، 3 سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئاپىرىمەن. لېكىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بارمايمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق خەلق بولغاچقا، سىلەرنى يولدا ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. 4-5 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلقسىلەر. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىرگە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. شۇڭا سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلاردا قېلىپ قالغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن شۇنىڭغا قاراپ سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەيمەن.» بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى. 6 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادىلا تاقىمىدى. ئۇچرىشىش چېدىرى 7 ھەر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ قۇرغاندا، مۇسا «ئۇچرىشىش چېدىرى»نى قارارگاھتىن خېلى يىراق جايغا تىكەتتى. پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سورايدىغانلار ئۇ يەرگە باراتتى. 8 مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا ماڭغاندا، خەلق دائىم چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، تاكى ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ بولغۇچە كەينىدىن قارىشىپ تۇرۇشاتتى. 9 مۇسا چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەندە، بۇلۇت تۈۋرۈكى پەسلەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 10 خەلق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىلا، ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشاتتى. 11 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى 12 مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ مېڭىشقا ئەمر قىلدىڭ. لېكىن كىمنىڭ مەن بىلەن بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 13 شۇنداق ئىكەن، ھەمىشە سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، داۋاملىق سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى. 14 _ مەن ساڭا ئۆزۈم يار بولۇپ، سېنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار. 15 مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ ئەگەر سەن بىزگە ئۆزۈڭ يار بولمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن ئايرىمىغايسەن. 16 ئەگەر سەن بىزگە يار بولمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى قانداق بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. 17 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى. 18 مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكەيسەن، _ دېدى. 19 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا پۈتۈن ياخشىلىقىمنى زاھىر قىلىپ، ئالدىڭدىن ئۆتىمەن، ھەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن. كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن. 20 بىراق ساڭا ئۆز دىدارىمنى كۆرسەتمەيمەن. چۈنكى مېنى كۆرگەن كىشى تىرىك قالمايدۇ. 21 قارا، ماڭا يېقىن جايدا بىر قورام تاش بار. سەن شۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇر. 22 مېنىڭ پارلاق نۇرۇم ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، مەن سېنى ئاشۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىغا مۆكتۈرۈپ، قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. پارلاق نۇرۇم ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، 23 قولۇمنى تارتىۋالىمەن. سەن مېنى كەينىمدىن كۆرىسەن، چىرايىمنى كۆرەلمەيسەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti