مىسىردىن چىقىش 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقۇربانلىق سۇپىسى 1 _ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت چاسا شەكىللىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر بولسۇن. 2 قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بۆرتۈپ چىققان شەكىللەر بولسۇن. بۇ شەكىللەر قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە ياسىلىپ، پۈتۈن سۇپا تۇچ بىلەن قاپلانسۇن. 3 قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇچتىن ياسالسۇن. 4-5 بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېرىم چوڭقۇرلۇقىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلسۇن. تۇچتىن تۆت دانە ھالقا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە، يەنى شالانىڭ ئۇدۇلىغا ئورنىتىلسۇن. 6 قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى دانە بالداق ياسالسۇن ۋە ئۇلار تۇچ بىلەن قاپلانسۇن. 7 بالداقلار قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلسۇن. 8 قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنىپ، تاختايدىن ياسالسۇن. قۇربانلىق سۇپىسى مەن تاغدا ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالسۇن. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسى 9 _ ئىبادەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپى ئېسىل زىغىر رەختلەر بىلەن توسۇلۇپ، ھويلا قىلىنسۇن. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر بولسۇن. 10 رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياسىلىپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلانسۇن. 11 شىمال تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 50 مېتىر بولسۇن. يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياسىلىپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلانسۇن. 12 غەرب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر بولسۇن. ئون دانە تۈۋرۈك ۋە ئون دانە پۇت ياسالسۇن. 13 شەرق تەرىپىنىڭ، يەنى ئالدى تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 25 مېتىر بولسۇن. 14-15 كىرىش ئېغىزى ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشسۇن. كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 7.5 مېتىردىن بولسۇن. رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۈچ دانە تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالسۇن. 16 ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىل زىغىر رەختتىن 10 مېتىر كەڭلىكتە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن. پەردە تۆت دانە پۇتقا بېكىتىلگەن تۆت تۈۋرۈككە ئېسىلسۇن. 17 ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلانسۇن ۋە تۈۋرۈكلەردە كۈمۈش ئىلمەكلەر بولسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن. 18 ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىگى 25 مېتىر، ھويلىنى ئوراپ تۇرغان ئېسىل زىغىر رەختلەرنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر بولسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن. 19 ئىبادەت چېدىرىدىكى بۇيۇملار، ھويلا ۋە چېدىرغا كېرەكلىك قوزۇقلار تۇچتىن ياسالسۇن. چىراغ ھەققىدىكى بەلگىلىمە 20 _ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن. 21 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti