ئەستىر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھاموننىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستى 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننى بارلىق ئەمەلدارلاردىن يۇقىرى ئەمەلگە قويدى. 2 پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ھاموننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن موردىكاي ئېگىلىپ تەزىم قىلمايتتى. 3 بۇنى كۆرگەن ئوردىدىكى باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن: _ پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغىنىڭىز نېمىسى؟ _ دەپ سورىدى. 4 ئۇلار موردىكايغا بۇ گەپنى ھەر كۈنى دېسىمۇ، ئەمما موردىكاي ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. موردىكاي ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ: _ مەن يەھۇدىي، ھامونغا تەزىم قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاموننىڭ موردىكاينىڭ بۇ ئىشىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دەپ قويدى. 5 ھامون موردىكاينىڭ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندى. 6 ئۇ يەنە موردىكاينىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، يالغۇز موردىكاينىڭ ئۆزىنىلا جازالاش ئازلىق قىلىدىكەن دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيەسىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى قىرىپ تاشلاشنى پىلانلىدى. 7 ئاخاشۋېروشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى 1-ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ھاموننىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئالدىدا «پۇر»، يەنى چەك تاشلىدى. چەك 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 12-كۈنىگە چىقتى. بۇ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى. 8 ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: _ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر. 9 ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەيلا. مەن ئىمپېرىيەمىزنىڭ خەزىنىسىگە 345 مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى. 10 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامونغا بەردى. 11 پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ كۈمۈشلەرمۇ، بۇ خەلقمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، ئۇلارنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىلغىن! _ دېدى. 12 شۇڭا ھامون 1-ئاينىڭ، يەنى نىسان ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئوردىدىكى پۈتۈكچىلەرنى يىغىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىنىڭ رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا پەرمان يازدۇردى. پەرمانلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. پەرمان پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى ۋە پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەندى. 13 پەرمان چاپارمەنلەر ئارقىلىق ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان بولدى. پەرماندا: «12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈلسۇن، قىرىپ تاشلانسۇن، پۈتۈنلەي يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى. 14 شۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە، ھەممە كىشىلەرنىڭ تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرماننىڭ مەزمۇنى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلققە ئېلان قىلىنماقچى بولدى. 15 پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بىنائەن مەزكۇر پەرمان سۇزا قەلئەسىدە ئېلان قىلىندى. چاپارمەنلەر پەرماننى دەرھال ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كېتىشتى. بۇ ۋاقىتتا سۇزا قەلئەسى پاتىپىراقچىلىققا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ بىلەن ھامون شاراب ئىچىپ ئولتۇرۇشتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti