ئاموس 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە، يەنى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تىقوۋالىق چارۋىچى ئاموسقا ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى. 2 ئاموس مۇنداق دېدى: «ھۆركىرەر پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن، ياڭرار ئۇنىڭ ئاۋازى يېرۇسالېمدىن. قۇرۇپ كېتەر پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، قۇرۇپ كېتەر كارمەل تېغىنىڭ چوققىسى.» ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنا ئەللىرىنىڭ جازالىنىشى 3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەمەشق خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! تۆمۈر چىشلىق تۇلۇق بىلەن خامان ئەزگەندەك، ئۇلار گىلئادتىكى خەلقىمنى يانجىپ ئەزدى. 4 شۇڭا مەن پادىشاھ خازائېلنىڭ ئوردىسىغا ئوت ياغدۇرىمەن، بۇ ئوت پادىشاھ بەنھادادنىڭ قورغانلىرىنىمۇ يالماپ يۇتىدۇ. 5 مەن دەمەشق شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاۋېن جىلغىسىنىڭ ھۆكۈمرانىنى يوقىتىمەن، بەيت-ئەدەننىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. ئاررام پۇقرالىرى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» 6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «گازا خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىدومغا قۇللۇققا ساتتى. 7 شۇڭا مەن گازا شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. 8 مەن ئاشدود شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىپ، ئاشقىلون شەھىرىنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. مەن ئەقرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. ئامان قالغان فىلىستىيەلىكلەر قىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» 9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىر خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى ئىدومغا قۇللۇققا سېتىپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى بۇزدى. 10 شۇڭا مەن تىر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.» 11 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارغا قىلىچ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلمىدى. ئۇلارغا چەكسىز قەھر قىلدى، غەزىپى پەقەت پەسەيمىدى. 12 شۇڭا مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت بوزرا شەھىرىنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.» 13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاممون خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن گىلئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى ياردى. 14 شۇڭا مەن رابباھنىڭ شەھەر سېپىللىرىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش كۈنىدە چۇقان-سۈرەنلەر ئاڭلىنىدۇ، جەڭ شىددەتلىك بوراندەك ئەۋج ئالىدۇ. 15 ئامموننىڭ پادىشاھى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەلدارلىرىمۇ سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti