سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئاخىتوفەل ئابسالومغا يەنە: _ ئىجازەت بەرسىلىرى، 12 مىڭ ئادەمنى تاللاپ، بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىپ، داۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ باراي. 2 ھازىر ئۇ ھېرىپ-چارچىغان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن ئەھۋالدىدۇر. مەن مۇشۇ چاغدا ھۇجۇم قىلسام، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۆلتۈرىمەن. 3 ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلى قوغلاپ يۈرگەن ئۇ ئادەم ئۆلسە، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىگە مايىل بولىدۇ، پۈتۈن خەلق تىنچىيدۇ، _ دېدى. 4 ئاخىتوفەلنىڭ بۇ مەسلىھەتى ئابسالومغىمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغىمۇ ياقتى. خۇشاينىڭ ئاخىتوفەلنىڭ پىلانىنى بۇزۇشى 5 ئابسالوم: _ ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاينىمۇ چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى، _ دېدى. 6 خۇشاي ئابسالومنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئابسالوم ئۇنىڭغا ئاخىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن: _ بىز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلساق بولارمۇ؟ سەنمۇ پىكرىڭنى دەپ باقساڭ، _ دەپ سورىدى. 7 خۇشاي مۇنداق دېدى: _ ئاخىتوفەلنىڭ بۇ قېتىمقى مەسلىھەتى ياخشى بولماپتۇ. 8 ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتىلىرى ۋە ئادەملىرى ماھىر جەڭچىلەردۇر. ئۇلار ھازىر خۇددى بالىلىرى بۇلاپ كېتىلگەن چىشى ئېيىقتەك قەھرگە تولغاندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىلىرى تەجرىبىلىك بىر جەڭچى بولۇپ، ئۇ كېچىدە لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە ياتمايدۇ. 9 بەلكىم ئۇ ھازىر بىر ئۆڭكۈردە ياكى باشقا بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتىلىرى داۋۇت سىلىنىڭ ئادەملىرىگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرسە، بۇنى ئاڭلىغانلار «ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قىرىلىپ كېتىپتۇ» دېيىشى مۇمكىن. 10 ئۇ چاغدا ھەتتا شىر يۈرەك قەھرىمانلارمۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاتىلىرىنىڭ ماھىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. 11 مەسلىھەتىم شۇكى، دان شەھىرىدىن بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللار سىلىنىڭ ئەتراپلىرىغا توپلانسۇن. ئىسرائىللار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىزدۇر. ئۇلارنى سىلى ئۆزلىرى باشلاپ، جەڭگە بارغايلا. 12 بۇ چاغدا پادىشاھ داۋۇت مەيلى قەيەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرمىسۇن، بىز خۇددى يەر يۈزىگە چۈشكەن شەبنەم پۈتۈن زېمىننى قاپلىغاندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بارىمىز. داۋۇتنىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمىز. 13 داۋۇت چېكىنىپ بىرەر شەھەرگە كىرىۋالسا، بىز پۈتۈن ئىسرائىللار ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ سېپىللىرىنى جىلغىغا تارتىپ چۈشۈرىمىز. ھەتتا شەھەرنىڭ ئورنىدا كىچىككىنە بىر تال تاشمۇ قالمايدۇ. 14 ئابسالوم ۋە يېنىدىكى ئىسرائىللار: «خۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاخىتوفەلنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئاخىتوفەلنىڭ پادىشاھقا بەرگەن مەسلىھەتىنى بۇزۇپ، ئابسالومنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىش قارارىغا كەلگەنىدى. داۋۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى ۋە قېچىپ كېتىشى 15 خۇشاي ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا قانداق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇلارغا قانداق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارغا ئېيتىپ بەردى. 16 ئۇ يەنە: _ ئەمدى سىلەر دەرھال داۋۇتقا ئادەم ئەۋەتىڭلار. ئۇ بۈگۈن كېچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە قونماي، دەرھال ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەتسۇن. بولمىسا، ئۇ ئادەملىرى بىلەن بىرگە يوقىتىلىدۇ، _ دېدى. 17 بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرۇسالېمنىڭ چېتىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى. 18 لېكىن بىر قېتىم ئۇلارنى بىر يىگىت كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ ئابسالومغا ئېيتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى دەرھال ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، باخۇرىمدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا بىر قۇدۇق بار بولۇپ، ئۇلار شۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدى. 19 ئۆي ئىگىسىنىڭ ئايالى ئۇلارنىڭ سېزىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا بىر پالاس يېپىپ، ئۈستىگە بۇغداي يېيىپ قويدى. 20 ئابسالومنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۆيگە ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇ ئايالدىن: _ ئاخىمائاز بىلەن يوناتاننى كۆردۈڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئايال ئۇلارغا: _ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئابسالومنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كېتىشتى. 21 ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئىككىيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنىڭغا: «قېنى ھازىرلا دەريادىن ئۆتۈپ كېتىڭلار، چۈنكى ئاخىتوفەل ئابسالومغا سىلىگە قارشى مەسلىھەت بەردى» دېدى. 22 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. تاڭ ئاتقۇچە ھەممىسى دەريادىن ئۆتۈپ بولدى، بىرمۇ ئادەم قالمىدى. 23 ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى. 24 داۋۇت ماخانايىم شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاغدا، ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. 25 ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى. 26 ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار گىلئادتا بارگاھ تىكتى. 27 داۋۇت ماخانايىمغا يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناخاشنىڭ ئوغلى شوبى، لودىبارلىق ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگىلىمدا ئولتۇرۇشلۇق گىلئادلىق بارزىللايلار كۈتۈۋالدى. 28-29 ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى چۆلدە يۈرۈپ ھېرىپ، قورساقلىرى ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ دەپ ئويلاپ، يوتقان-كۆرپە، تاۋاق، ساپال قاچا، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، ماش، ھەسەل، سۈزمە، قۇرۇت، ئىرىمچىك ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti