Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سۇلايماننىڭ خۇدادىن ئەقىل-پاراسەت تىلىشى

1 سۇلايمان مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە پىرئەۋننىڭ قىزى شۇ يەردە تۇردى.

2 ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنىدىغان ئىبادەتخانا تېخى سېلىنمىغان بولغاچقا، خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلارغا بېرىپ، قۇربانلىق قىلىپ يۈرەتتى.

3 سۇلايمان پەرۋەردىگارنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئىزىنى باسقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىق سالاتتى.

4 بىر كۈنى پادىشاھ سۇلايمان گىبئون شەھىرىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن باردى. ئۇ يەردىكى سەجدىگاھ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان سەجدىگاھلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئىدى. سۇلايمان ئىلگىرى ئۇ يەردىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭلىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلغانىدى.

5 سۇلايمان گىبئوندىكى ۋاقتىدا، بىر كېچىسى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ چۈشىدە زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن.

6 سۇلايمان: _ خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇت ساداقەتمەن، ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلىنى تەختىگە ۋارىس قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق ئۇلۇغ مېھىر-شەپقىتىڭگە ئىگە قىلدىڭ.

7 ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، گەرچە مەن ياش، تەجرىبىسىز، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سەن مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ.

8 قۇلۇڭ سېنىڭ تاللىغان خەلقىڭ بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئۇلار ھەددى-ھېسابسىز زور خەلقتۇر.

9 شۇڭا سەن قۇلۇڭغا خەلقىڭنى باشقۇرغۇدەك، ياخشى-ياماننى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بەرگىن، بولمىسا كىممۇ بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ _ دېدى.

10 سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت تىلىشى ئىگىمىزنى خۇرسەن قىلدى.

11 خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭگە ئۇزۇن ئۆمۈر، بايلىق ياكى دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، بەلكى ھەق-ناھەقنى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت تەلەپ قىلدىڭ.

12 شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.

13 ساڭا يەنە سەن مەندىن تىلىمىگەن بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنىمۇ بېرىمەن. ئۆمرۈڭدە ساڭا تەڭ كېلىدىغان ھېچقانداق پادىشاھ بولمايدۇ.

14 ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىجرا قىلساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

15 سۇلايمان ئويغىنىپ، بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئىگىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى.


سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسىتى

16 بىر كۈنى ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئالدىغا داد ئېيتىپ كەلدى.

17 ئۇلارنىڭ بىرى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىمەن. مەن بالا تۇغقان ۋاقتىمدا، ئۇ ئايالمۇ يېنىمدا بار ئىدى.

18 مەن تۇغۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا، بۇ ئايالمۇ بىر بالا تۇغدى. بۇ ئۆيدە ئىككىمىزلا تۇراتتۇق، بىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى.

19 بىر كېچىسى بۇ ئايال ئۇخلاۋېتىپ، ئوغلىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.

20 ئەمما ئۇ يېرىم كېچىدە ئاجىزەلىرى ئۇخلاۋاتقاندا، يېنىمدىكى ئوغلۇمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ يېنىمغا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ.

21 مەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ، ئوغلۇمنى ئېمىتەي دەپ قارىسام، ئۇ ئۆلۈپ قاپتۇ. مەن سىنچىلاپ قارىسام ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىكەن، _ دېدى.

22 يەنە بىر ئايال: _ ياق، ئۇنداق ئەمەس! تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ! _ دەپ ۋارقىرىدى. بىرىنچى ئايال: _ ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ، تىرىكى مېنىڭ، _ دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشتى.

23 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ: _ بىرىڭلار «تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيسىلەر. يەنە بىرىڭلار «ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيسىلەر.

24 خوش، ئۇنداقتا بىر قىلىچ كەلتۈرۈلسۇن! _ دېدى. بىر قىلىچ كەلتۈرۈلدى.

25 پادىشاھ: _ تىرىك بالىنى ئىككىگە پارچىلاڭلار. بىر پارچىسىنى بۇ ئايالغا، يەنە بىر پارچىسىنى ئۇ ئايالغا بېرىڭلار، _ دېدى.

26 بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئۆرتىنىپ پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، بالىنى ھەرگىز ئۆلتۈرمىگەيلا، بالىنى ئۇنىڭغا بەرگەيلا، _ دېدى. يەنە بىر ئايال بولسا: _ بالا مېنىڭمۇ ياكى سېنىڭمۇ بولمىسۇن، ئۇنى ئىككىگە پارچىلاڭلار، _ دېدى.

27 پادىشاھ مۇنداق دېدى: _ بالا ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىنى بىرىنچى ئايالغا بېرىڭلار، بۇ ئايال بالىنىڭ ئانىسىدۇر.

28 پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Swiv nou:



Piblisite