2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن.
ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا: _ مەن ئۆزۈم ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.
گەرچە ھۇجۇم قىلغانلار ئاررام قوشۇنىنىڭ كىچىك بىر تارمىقى بولسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار يوئاشنىڭ ناھايىتى چوڭ قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، يوئاشنى جازالىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بوش قالدى. بۇ زېمىن دەم ئالدۇرۇلمىغان يىللارنىڭ سانى توشقۇچە يەتمىش يىل تاشلاندۇق يەر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان بۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى.
كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،
مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.»
ئاندىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹يەرەمىيا بابىل پادىشاھىنىڭ بۇ زېمىنغا چوقۇم كېلىپ، بۇ زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى پۈتكەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ!
شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.
پەرۋەردىگار ئورۇندىدى پىلانىنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇرۇن قىلغان سۆزىنى، ئۇ رەھىم قىلماي يوقاتتى سېنى، مەغلۇبىيىتىڭدىن شادلاندۇرۇپ دۈشمىنىڭنى، تېخىمۇ كۈچلەندۈردى رەقىبىڭنى.
لېكىن يەر-زېمىن كىشىلەرنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.