Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




زىكىرىيا 7:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




زىكىرىيا 7:3
21 Iomraidhean Croise  

ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپ بولغاندا، روھانىيلار تونلىرىنى كىيىپ، كانايلارنى تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى جاڭلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى.


يىغلاشنىڭ ۋە كۈلۈشنىڭ ۋاقتى بار، ھازا تۇتۇشنىڭ ۋە ئۇسسۇل ئويناشنىڭ ۋاقتى بار.


خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»


«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، سەن روھانىيلاردىن تەۋرات قانۇنلىرى توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغىن:


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


_ سەن بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلققە ۋە روھانىيلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر يەتمىش يىلدىن بېرى ياز ئوتتۇرىسى ۋە كۈز ئايلىرى روزا تۇتۇپ قايغۇڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار. ئەمما بۇنى راست مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلغانمىدىڭلار؟!


ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»


روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار ھەقىقىي بىلىمنى ئۆگىتىشتۇر. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.


ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: - تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولغىنى!؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ.


ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن.


ئۇلار سېنىڭ ئەمر، قانۇنلىرىڭنى يەتكۈزىدۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى ئىسرائىللارغا. خۇش پۇراق ئىسرىقلارنى ئالدىڭغا قويىدۇ، قۇربانلىق سۇپاڭدا قۇربانلىق مالنى پۈتۈن كۆيدۈرىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan