3 يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا مەينەت كىيىملەر بىلەن تۇراتتى.
شالتىئېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى قايتىدىن باشلىدى. ھاگاي ۋە زىكىرىيا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ياردەمدە بولدى.
ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! بۈگۈن بىز ئاز بىر قىسمىمىز بولسىمۇ، قۇتۇلدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.»
ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ.
ئادالىتىڭنى يۈرگۈزۈشنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن، يولۇڭنى ئېسىدە ساقلىغان ئادەملەرگە ياردەم بېرىسەن. بىز دائىم گۇناھ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، سەن غەزەپلەندىڭ، بىز يەنىلا قۇتقۇزۇلىمىزمۇ؟
ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز، بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ. بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز، گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.
ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز.
سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىشىڭلارغا پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر باي ۋە جۇل-جۇل كىيىنىۋالغان بىر كەمبەغەل كەلسە،
بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار.
ئۇنىڭغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز ۋە يالتىراپ تۇرىدىغان ئېسىل كەندىر تون بېرىلدى» دەپ ۋارقىراشتى. (ئېسىل كەندىر خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)