زىكىرىيا 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا باش روھانىي يوشۇۋانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەيتان يوشۇۋانىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى. Faic an caibideil |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەگەر توۋا قىلساڭ، مەن سېنى ئەسلىڭگە قايتۇرۇپ، ماڭا خىزمەت قىلالايدىغان قىلىمەن. ئەگەر سەن قۇرۇق گەپ قىلماي، مېغىزلىق گەپ قىلساڭ، يەنىلا سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگۈچى بولالايسەن. ئۇ چاغدا كىشىلەر سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، سۆزۈڭنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارمايسەن.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلاردا، لاۋىيلارنىڭ زادوق نەسلىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئىبادەتخانامدىكى ۋەزىپىلىرىنى ساداقەت بىلەن ئادا قىلىپ كەلدى. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا خىزمىتىمنى قىلىپ، قۇربانلىقلارنىڭ مېيى ۋە قانلىرىنى ماڭا سۇنسا بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورققانىدى.