Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




زىكىرىيا 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 مەن يەنە قارىدىم ۋە قولىدا ئۆلچەم تانىسى تۇتۇپ كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆردۈم.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




زىكىرىيا 2:1
12 Iomraidhean Croise  

قارا، چوغنى يالقۇنلىتىپ، قورال-ياراغ ياسايدىغان تۆمۈرچىنى مەن ياراتتىم. ۋەيران قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتتىم.


ئۇنىڭ پاسىلى ئۇ يەردىن ئۇدۇل غەرب تەرەپكە كېڭىيىپ، گارېب تېغىغىچە بارىدۇ، ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، گوئاھ دەپ ئاتىلىدىغان جايغىچە سوزۇلىدۇ.


موئابنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچ-قۇدرىتى تۈگەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.


قارىسام، ئەتراپىدا ھويلا تېمى بار بىر ئىبادەتخانا بار ئىكەن. ھېلىقى ئادەم قولىدىكى 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەم تايىقى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا تېمىنى ئۆلچىدى. تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر، ئېگىزلىكىمۇ 3 مېتىر ئىدى.


ئۇ ئادەم قولىدىكى ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئېقىننى شەرق تەرەپكە قاراپ ئۆلچەشكە باشلىدى. 500 مېتىر ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ ئوشۇقۇمغا كەلدى.


ئاندىن ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى ۋە ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ تىزىمغا كەلدى. ئاندىن ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى ۋە ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ بېلىمگە كەلدى.


شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.


شۇڭا مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەت كۆرىسىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. يېرۇسالېمدا ئىبادەتخانام قايتا قۇرۇلىدۇ. يېرۇسالېم قايتىدىن قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقىلىدۇ.»


مەن يەنە يۇقىرىغا قاراپ، تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم.


ماڭا ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىشكە قومۇش بېرىلدى ۋە بىر ئاۋاز ماڭا مۇنداق دېدى: «بېرىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆلچە، ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى سانا.


ماڭا گەپ قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى ۋە شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئالتۇن ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan