تىتۇسقا يېزىلغان خەت 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان. Faic an caibideil |
بۇرۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلتۈردى. ھازىر يەنىلا بەزى يەھۇدىيلار بىزگىمۇ زۇلۇم سېلىپ، بىزنى بىز خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقان شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار خۇددى پۈتكۈل ئىنسانلار بىلەن دۈشمەنلەشكەندەك، بىزنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، چېكىگە يەتكۈزمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى ئۇلارغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.
سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.