8 شۇڭا ئۇ كىشى بوئازغا: _ سەن ئالغىن! _ دەپ كەشىنى سېلىپ، بوئازغا بەردى.
تۇل ئايال ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىر پاي ئايىغىنى سالدۇرۇۋالسۇن ۋە يۈزىگە تۈكۈرۈپ: «ئۆز قېرىندىشىنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشى مۇشۇنداق ھاقارەتكە قالىدۇ» دەپ جاكارلىسۇن.
ئەينى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مال-مۈلۈك، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ساتقۇچى ئۆز كەشىنى يېشىپ، ئالغۇچىغا بېرەتتى. ئۇلار سودا-سېتىقنىڭ پۈتكەنلىكىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەيتتى.
بوئاز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللار ھەم جامائەتكە: _ ئەي جامائەت، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن ھەممىڭلار گۇۋاھ بولۇڭلار. مەن نائومىدىن ئەلىمەلەكنىڭ مىراسىنى، يەنى كىليون بىلەن ماخلونغا تەۋە بولغان يەر-زېمىنلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىلكىمگە ئالىمەن.