Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




رۇت 4:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پەرەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




رۇت 4:12
8 Iomraidhean Croise  

لېكىن بۇ بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا تۇغۇت ئانىسى: _ سەن مۇشۇنداق تالىشىپ چىقتىڭ؟ _ دېدى. شۇڭا بالىغا پەرەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ ئىسىم قويۇلدى.


يەھۇدانىڭ كېلىنى تامارمۇ ئۇنىڭغا پەرەس ۋە زەراخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بار ئىدى.


روھانىي ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەيتتى ۋە ئەلقاناغا: _ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن يەنە ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى.


يەھۇدا تاماردىن تۇغۇلغان پارەس ۋە زەراھنىڭ ئاتىسى، پارەس ھېسروننىڭ ئاتىسى، ھېسرون رامنىڭ ئاتىسى،


يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.) پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،


پەرەستىن داۋۇتقىچە بولغانلارنىڭ نەسەبنامىسى: پەرەس خەزروننىڭ ئاتىسى،


پەرۋەردىگار سىلەرنى ئايالىڭلار بىلەن بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟! تېنىڭلار ۋە روھىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟! پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئۇ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇشۇڭلار ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan