Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




رۇت 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سەن ئۈستى-بېشىڭنى يۇيۇپ، ئۆزۈڭگە خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى چېچىپ، چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئۇ سېنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىڭنى بىلمىسۇن. ئۇ ئالدى بىلەن يەپ-ئىچىپ تويسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




رۇت 3:3
10 Iomraidhean Croise  

شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى.


تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا: _ سەن ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرگىن، پەرداز قىلمىغىن. ئۆزۈڭنى ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ،


ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. پادىشاھ ئۆز خانىسىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان تەختىدە ئولتۇراتتى.


كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.


پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىڭلار، چاچلىرىڭلاردىن خۇشبۇي ماي ئايرىلمىسۇن.


مەن بەدىنىڭدىكى قانلارنى يۇيۇپ، تېرىلىرىڭگە زەيتۇن يېغى سۈرتتۈم.


سىلەر روزا تۇتقاندا، چېچىڭلارنى مايلاپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭلار.


سەن ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئېتىزىدا ئىشلىگەن بوئازنىڭ بىزگە تۇغقان ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ. سۆزۈمنى ئاڭلىغىن! بۈگۈن كەچتە ئۇ خاماندا ئارپا سوقىدۇ.


ئۇنىڭ ياتىدىغان يېرىنى كۆرۈۋالغىن. ئۇ يېتىپ بولغاندا، چاندۇرماي بېرىپ، يوتقىنىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە يېتىۋالساڭ، ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan