8 بوئاز رۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، گېپىمگە قۇلاق سالغىن! باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ باشاق تېرىش خىيالىدا بولمىغىن. بۇ يەردە ئايال خىزمەتكارلىرىمنىڭ قېشىدا تەرگىن.
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: _ بېگىم، پەيغەمبەر ئۆزلىرىگە باشقا بىر چوڭ ئىشنى تاپىلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلغان بولاتتىلا. ھالبۇكى ئۇنىڭ سىلىگە: «يۇيۇنۇپ پاكلان» دېگىنى ئاسان بىر ئىشقۇ؟ _ دېدى.
ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار.
كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: - ئوغلۇم، خاتىرجەم بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ: - قىزىم، خاتىرجەم بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! - دېيىشىگىلا، ھېلىقى ئايال ساقىيىپ كەتتى.
قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.
ئۇ مەندىن ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئارپا باغلىرىدىن چۈشۈپ قالغان باشاقلارنى تېرىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. سەھەردىن بېرى تېرىۋاتىدۇ، كەپىدە پەقەت بىرئاز ئارام ئالدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئورمىچىلار قەيەردە ئورما ئورسا، سەن ئاياللار بىلەن بىرگە شۇ يەرگە بارغىن. ئەر ئورمىچىلىرىمغا سېنى بوزەك قىلماسلىقنى تاپىلايمەن. ئۇسسىساڭ، ئۇلار توشقۇزۇپ قويغان كومزەكلەردىن سۇ ئېلىپ ئىچكىن، _ دېدى.
ئەلى ئۇنى: _ ئى ئوغلۇم سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ لەببەي، مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.
پەرۋەردىگار يەنە: _ سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. سامۇئىل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا باردى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن كەلدىم! _ دېدى. _ مەن سېنى چاقىرمىدىم بالام. بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، _ دېدى ئۇ.